تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى

​ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ سانائىتى «نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەسلىك» غەيرىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تەكشى ئېشىشىدەك «ئىلگىرىلەش»نى ئىشقا ئاشۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىم ئاشۇردى. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كان ئېچىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %3.7، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ %9.6 ئاشتى. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى كۆرسەتكۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى، تاشيولنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى، توك تارقىتىش مىقدارى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بىردەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرى ئىچىدە، كۆمۈرچىلىك كەسپى سىجىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى؛ نېفىت خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپى تەكشى، مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى.

«8 - ئايدىن باشلاپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىلا مۇقىم، تەكشى ئېشىشنى ساقلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يۈرۈشۈشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گو رۇيبىن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش»تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.2 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 17.4 پىرسەنت پوئېنت، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ساھەسىدىكى 50 تۈرلۈك مۇھىم، زور سانائەت تۈرىدە ئىش باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى %100كە يېتىپ، 30 مىليارد 917 مىليون يۈەن سېلىنما ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز تۈردە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ياكى قىسمەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، قومۇلنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق قويۇپ بېرىلىپ، كەسىپ جۇغلانما قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.9 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتكە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %80تىن ئېشىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچقا ئايلاندى. «<قىيىنچىلىق بولسا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنى ئىزدەش> خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كارخانا خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشى، ماددىي ئەشيا تىرانسپورتى قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق.» قومۇل شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ جىڭ مۇنداق دېدى: قومۇلدا ھازىر كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىدىن 171ى بار بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 18ى كۆپەيدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، قومۇل شەھىرىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.

كۆمۈر، نېفىت، رەڭلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئالاقىدار سانائەت مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى يۇقىرى نۇقتىدىن يۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسىدا، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 1 تىرىليون 314 مىليارد 684 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا 207 مىليارد 801 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 44.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

گو رۇيبىن مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كارخانىلارغا نۇقتىدىن نۇقتىغا ئالاقىلىشىپ ياردەم قىلىش - يۆلەش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش جەريانىدا يولۇققان ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولماسلىق، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، كۆمۈر، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىق قاتارلىقلاردا مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش - ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق سانائەت ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.