− سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا
□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، تەشۋىق قىلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى چىڭ كۆزلىنىپ، 17 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىگىلەش − ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭدا سىياسىي جەھەتتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان ھەم نەزەرىيە جەھەتتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا نىشان ئىلمىي بېكىتىلگەن ھەم خىزمەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىش كېرەكلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىنى بىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى بىلمەسلىكتىن، بىلسىمۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيلىقتىن قىسمەنلىككە، يەنە قىسمەنلىكتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ قايتا - قايتا ئويلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەشنى مەھكەم ئىگىلەش» توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «توققۇزنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش»نى نۇقتىلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇقۇم دائىرىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم ھازىرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم ئۇزاقنى كۆزلەپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك، بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش كېرەك؛ سىستېما قارىشىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرتۇتاش پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «يولغا قويۇش پىكرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغاندىلا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئاندىن تىنچ - ئامان بولىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئاندىن مۇقىم، ساغلام بولىدۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بىز ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، «ئۈچتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 20 ماددىلىق ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، بۇرغا چېلىندى. بىز «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىمىزنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆزلەپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.