يېقىندا، 10 مىڭدىن ئارتۇق سۇ قۇشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى تېتىما كۆلىگە ئۇچۇپ كېلىپ، قومۇشلۇق، كۆك ئاسمان، قۇملۇق بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باش قىش مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلدى.
تارىم دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىغا كېلىدىغان سۇنىڭ ئازىيىشى تەسىرىدە، 1972-يىلىدىن بۇيان، تېتىما كۆلى بىرمەھەل قۇرۇپ كەتكەنىدى. تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ 2000-يىلىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 23 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىپ، تۆۋەن ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. تېتىما كۆلىدە سۇلۇق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى، ياۋايى ھايۋانلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى، قۇملۇقتىكى بۇ كۆل سۇ قۇشلىرى ئارام ئالىدىغان «ماكان»غا ئايلاندى.
«تىيانشان تورى» ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى