گاۋ فېي:
تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خەيجۈن
11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 5تىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيە موسكۋادىن كەلگەن 124-AN تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. بۇ چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ تاموژنىدىن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1 - ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدا خېلى ئۇزاققىچە ساقلىدى.
بۆلمە ئىشىكى ئېچىلدى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1 - ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى گاۋ فېي خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ تېز سۈرئەتتە ئايروپىلانغا چىقىپ، ئادەم بىلەن كىنىشكىنى سېلىشتۇردى، ماتېرىياللارنى تەكشۈردى، پاسپورتلارنى يىغدى، ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش رايونىدا ئايروپىلان خادىملىرى ۋە ئايروپىلانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى تېز بېجىردى. ئايروپىلان خادىملىرى پۈتۈن مۇساپىدە ئايروپىلاندىن ئايرىلماي، ساقلاش ۋاقتىنى تېجىدى.
بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1 - ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئىزچىل تۈردە ئايرودۇرۇمدا ۋەزىپە ئۆتەش خىزمىتىنى يېپىق ھالقىسىمان قانات يايدۇردى. 124-AN تىپلىق بۇ تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ چېگرادىن بىخەتەر، تېز كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورت تاموژنىسى، شىنجاڭ تيەنيۈەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئايرودۇرۇمدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇش ۋاقتى - ئۇچۇش ھوقۇقى، ۋاكالەتچى خادىملار ۋە چېگرادىن كىرىش - چىقىش تەرتىپى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇردى، ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىكى خادىملارغا چېگرا تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇردى.
11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، گاۋ فېي قاتارلىق خەلق ساقچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىدا، 124 - AN تىپلىق بۇ تىرانسپورت ئايروپىلانى جۇڭگودا ياسالغان 106.3 توننا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتى، ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قاچىلاپ رۇسىيە موسكۋاغا قايتتى. يولغا چىقىش ئالدىدا ئايروپىلان خادىمى سېرگىي شۇماكوف چىن قەلبىدىن ماختاپ مۇنداق دېدى: «تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش بارغانسېرى تېزلىشىپتۇ، مۇلازىمەت بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ، ئۈنۈم بارغانسېرى ئۆسۈپتۇ، جۇڭگونىڭ چېگرا تەكشۈرۈشى ناھايىتى كەسپىي ئىكەن».
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي شىمال رايونىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئۈرۈمچى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تىزىملىكلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش» بويىچە يېپىق ھالقىسىمان ۋەزىپە ئۆتەش يۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس يولىنى دائىملاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىپ، 24 سائەت پۈتۈن كۈنلۈك مۇلازىمەت مېخانىزمىنى قوللىنىپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، ئىناۋەت بويىچە تەكشۈرۈش، ئايروپىلان كەلگەن ھامان بېجىرىش، كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ھەر نۆۋەتلىك ئايروپىلان خادىملىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىنۇت تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى تېجەپ بەردى.
«ئايروپورت، پورتلاردىن قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بىزنىڭ پورتلاردا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىزغا قويۇلىدىغان كەسپىي تەلەپمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلىدى.» گاۋ فېي مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز».