− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سىستېمىلىق پىلانلاندى، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتنى پىلانلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىكى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
«<ئىككىنى تىكلەش> جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ تۈپ كاپالەت.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەش كېرەك. <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بايلىق تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يېشىل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسىنىڭ سېغىزكۆل يېزىسى ئورنىش كەنتى كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى كىچىك بولۇش، كۆكتات سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
ئورنىش كەنتى كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى روزىتوختى ئابلا مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىزنى ئىنتايىن رىغبەتلەندۈردى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى كۆكتات تېرىش ئاساسىمىزنى مەۋقە قىلىپ، كۆكتات تېرىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆكتات سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز».
«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك. يېزا - بازار كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ۋە پۇختا ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولىمەن. تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، خاربۇخ بازىرىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېڭى ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى ئارشاڭ ناھىيەسى خاربۇخ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى بايسا.
نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى زىچ كۆزلىنىپ، 17 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
«ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: <ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك>.» ئالتاي شەھىرى چياشيۇ يولى كوچا باشقارمىسى قىزىل تاش مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز. مەھەللە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا قارىتا، بىز جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەھەللە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز».
چاقىلىق ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ ۋاششەرى بازىرى ئۇتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى مەمەت مۇسا مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋاملىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <سەركە>سى بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز».
2020 - يىلى شىنجاڭ شېڭدا شىڭتەي سودا چەكلىك شىركىتى باقتۇ پورتىدا كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن ئامبار قۇرۇپ، 36 كارخانىغا مۇلازىمەت قىلدى.
شىنجاڭ شېڭدا شىڭتەي سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياۋ فېي مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان، شىركىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدى. نۆۋەتتە، شىركىتىمىز باقتۇ پورتىدىكى يېرىمغا يېقىن يۈكنى ساقلاش ۋە ئۇلاپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار خىزمەت ئىستىلى بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز».
مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشىمىز
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.
قومۇل شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى چېن شۇيىن مۇنداق دېدى: «مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ توغرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز».
فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازىرى لىياڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغېنى ئۆمەر مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ بىكار تۇرغان بايلىقىنى جانلاندۇرۇش، بىرىكتۈرۈش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بورداقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە زورايتىمىز، خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپى، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز».
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي رۇي مۇنداق دېدى: «تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى ئەلا سۈپەتلىك، يېقىشلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پەرۋىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن».
(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ شياۋشياۋ، ليۇ خۇڭخۇي، ساۋ يىگۇاڭ، ياڭ ۋېيشۈەن، جوۋ فېڭجۈەن، دەي جياۋمېي، ما جىجۈەن، ليۇ خۇي، جياڭ جۈەنجۈەن، موۋ لىن)