تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقىل مەھەللىدە ياشاشتىكى تەسىرات قانداق بولىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسى چىڭفېڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە خوۋ شۆخۇي سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىلىنى يەنە بىر ئاپتوموبىلنىڭ توسۇۋالغانلىقىنى، ئاپتوموبىلدا ئالاقىلىشىدىغان تېلېفون نومۇرى يوقلۇقىنى بايقىدى. «مەن خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ باقاي، ئۇلار ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن چوقۇم ئالاقىلىشەلەيدۇ» دېدى خوۋ شۆخۇي ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن.

ھايال ئۆتمەي، ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى يېتىپ كېلىپ، قايتا - قايتا كەچۈرۈم سوراپ، ئاپتوموبىلىنى يۆتكىۋەتتى. «مەھەللىنىڭ ئاقىل سىستېمىسى بىزنىڭ نۇرغۇن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. بۇ قېتىم ئاپتوموبىل يۆتكىگەندەك، ئەگەر مەھەللىنىڭ ئاقىل سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل ئىگىسىنى توغرا تاپمىغان بولساق، ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ساقلايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم!» دېدى خوۋ شۆخۇي.

قاراماي شەھىرى يېقىندىلا 24 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىدە «2022 - يىل جۇڭگودىكى باشلامچى ئاقىل شەھەر» نامىغا ئېرىشتى. مەھەللە شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، دىققەت بۇ بىرلىكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلسە، «ئاقىل» سىستېما مەھەللە بىلەن خوجىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ.

«قاراماي شەھىرى ئاقىل خوجىلىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاقىل مەھەللە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قاراماي تيەندىتۇ ۋاڭگې پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ھاۋالە قىلىپ ئاقىل خوجىلىق سىستېمىسى ۋە تور مۇلازىمەت شەھەرچىسى <يېقىشلىق شەھەر باشقۇرۇش APP>سىنى ئېچىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى» دېدى قاراماي شەھەرلىك شەھەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گۈلبەر مەمەت.

نەنخۇ مەھەللىسى قارىمىقىدا چىڭفېڭيۈەن، چىڭشيۇيۈەن، چىڭلىيۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئولتۇراق رايون بولۇپ، 2000دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 6000دىن ئارتۇق كىشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئەتراپتا دۇكانلار زىچ جايلاشقان. مەھەللە بىلەن خوجىلىق شىركىتى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت كۆزنىكى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ئىنتايىن قولايلىق ياراتتى.

«لېكىن ئاھالىلەر توردا بىزنى ئىزدەشكە تېخىمۇ ئامراق» دېدى نەنخۇ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ بولىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

«يېقىشلىق شەھەر باشقۇرۇش» APPسىگە كىرگەندە، ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇت كىنىشكىسى بېجىرىش توغرىسىدا سورىغان سوئالى، ئەخلەتلەرنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش خاھىشى توغرىسىدىكى ئەرزى، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىگە بەرگەن باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. «بىز ئارقا سۇپىدا جۇغلانغان ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى خۇاڭ بولىن.

«ئائىلە مۇلازىمىتىنىمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا توردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.» چىڭلىيۈەن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى جاڭ رۇي سۆزلىگەچ «يېقىشلىق شەھەر باشقۇرۇش» APPسىنى ئېچىپ، مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ چىراغنى رېمونت قىلدۇرۇش زاكازىنى كۆرسەتتى. «مەن ھەپتە ئاخىرىدا رېمونت قىلغىلى ئادەم كەلمەسمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم، نەتىجىدە، چۈشتىن بۇرۇن زاكاز چۈشۈرسەم، چۈشتىن كېيىنلا خوجىلىقتىن ئادەم ئەۋەتىپتۇ، توردا يەنە مۇلازىمەتنى باھالىغىلى بولىدۇ، ئىنتايىن ياخشى» دېدى جاڭ رۇي.

ئاقىل مەھەللىلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئاھالىلەرنىڭ توردا ھەق تاپشۇرۇش، مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ئەرز قىلىش، جۇغلانما نومۇرىنى نەقلەشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، قوللىنىشچان نەرسە تورىنى تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

«ھازىر، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە ياكى بىنا، دەنيۈەنلەردە ئوت كەتسە، گاز چىقىپ كەتسە، ئىس ئىندۇكسىيە ئۈسكۈنىسى ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئولتۇراق رايوندىكى ئوت ئۆچۈرۈش يولى، ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىسى قاتارلىقلارغا يەر ماگنىتى ئىندۇكتورى ئورنىتىپ، بۇ جايلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى خۇاڭ بولىن.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «مەھەللە شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، شۇڭا تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەھەللىمىزدە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار كۆپرەك، شۇڭا بىز جۇڭگو تېلېگرافى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاراماي شۆبە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە سىنلىق ئىشىك قوڭغۇرىقى، تېلېكامېرا، ئاپتوماتىك قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىپ، مەھەللىدە ياشانغانلارنى تېخىمۇ قاراتمىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدۇق» دېدى خۇاڭ بولىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.