تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قورغاس پورتىنىڭ بۇ يىل ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى ئۇدا ئون ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ قورغاس تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئايدا قورغاس پورتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 3 مىليون 265 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان؛ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 27 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان. بۇ يىل بۇ پورتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى، سودا سوممىسىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۇدا ئون ئاي ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا قورغاس پورتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 33 مىليون 727 مىڭ توننا، سودا سوممىسى 244 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %3.6، %5.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 4 مىليون 447 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشقان؛ ئىمپورت يۈك توشۇش مىقدارى 29 مىليون 280 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشقان؛ ئېكسپورت سودا سوممىسى 157 مىليارد 120 مىليون يۈەن، ئىمپورت سودا سوممىسى 87 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.2 ئاشقان.

تاۋار تۈرلىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئون ئايدا قورغاس پورتىنىڭ ئاساسلىق ئىمپورت تاۋارلىرى ماشىنا - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، پىششىقلانمىغان مىس ۋە مىس ماتېرىياللار قاتارلىقلار؛ ئېكسپورت تاۋارلىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار، كىيىم - كېچەك ۋە كىيىم - كېچەك قوشۇمچە بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تىرانسپورت شەكلىدىن قارىغاندا، تۆمۈريول تىرانسپورتى يەنىلا پورت ئىمپورت - ئېكسپورتىدىكى ئاساسلىق تىرانسپورت شەكلى بولغان. تاشيول تىرانسپورتى بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.7 ئاشقان.

«شىنجاڭدىكى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، قورغاس پورتى يەنىلا يۈك توشۇشنىڭ راۋانلىقىنى ساقلىدى، بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىمىز تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ھازىر ھەر كۈنى 40 - 30 ئاپتوموبىل يۈك ئېكسپورت قىلالايمىز، ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 900 توننىغا يېقىنلاشتى» دېدى قورغاستىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى.

پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پورتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس تاموژنىسى پورتتا «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۈكنى تاموژنىدىن ئومۇمىي ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پورتتىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، يۈكنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتقان.

قورغاس تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما لېي مۇنداق بىلدۈردى: پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، تاموژنا 24 × 7 سائەتلىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى داۋاملىق قوللىنىپ، خەلقئارا سودىدىكى «يەككە كۆزنەك» «ئالاقە تورى + تاموژنا» قاتارلىق ئاقىل سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزى مەلۇم قىلىپ ئۆزى تاپشۇرۇش، جەملەپ باج ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەرنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.