تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ فۇچۈەن خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى ئون ئايدا، غەربىي شىمال نېفىتلىكى جەمئىي ئىشلەپچىقارغان نېفىت - تەبىئىي گازنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا ئېكۋىۋالېنتى 7 مىليون 850 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 900 مىڭ توننىغا يېقىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرقەدەر تېز بولۇپ، %55 ئېشىپ، 2 مىليارد 718 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 680 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان.

غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەشتىن كەلگەن. بۇ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. شىركەت ئالاھىدە ئەھۋالدا تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، رايونلارغا ئايرىلغان ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ توشۇش بازىلىرىنى قۇرۇپ، نەق مەيداننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە بىنورمال ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نېفىتلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە «قوش مۇقىم بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نېفىت جەھەتتە كۆلەملىك زاپاسنى ئاشۇرۇش، تەبىئىي گاز جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى شۇنبېي يېڭى رايونىدا مەھسۇلات مىقدارىنى تېز ئاشۇرۇش، تارىم دەرياسى كونا رايونىدا مەھسۇلات مىقدارىنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارى، مەھسۇلات مىقدارى، سېتىلىش مىقدارى، ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇردى.

زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىن قارىغاندا، غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى خەۋپ - خەتەرگە قارىماي چارلاش سالمىقىنى زورايتىپ، يىللىق زاپاس مىقدار ۋەزىپە - نىشانىنى مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، كېيىنكى قەدەمدىكى كۆلەملىك ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالدى. شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىق بازىسىدا، بۇ يىل توققۇز «1000 توننىلىق قۇدۇق» بايقالدى، بۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىشنىڭ يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقىنىڭ 4 - نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلباغدا ئېچىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولدى، جەمئىي ئىشلەپچىقارغان نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان ئېكۋىۋالېنتى 2 مىليون توننىغا يېقىنلىشىپ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى.

يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى ئويمانلىقتىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، مۇرەككەپ يەر قاتلىمىدا خەۋپ - خەتەرگە قارىماي مۆلچەرلەش، ئۈزۈلمە، يېرىق، كامار تىپىدىكى نېفىت زاپىسىدا ئېنېرگىيە تولۇقلاش، بېسىمنى كونترول قىلىش ۋە نىشانلىق بۇرغىلاش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا، سىجىل يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇ يىل تۆت تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ باھالاندى، ئالتە تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتا، يەككە قۇدۇقلۇق تارقىلىش شەكلىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش تۈرىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 800 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى 2915 توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلىپ، 350 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قېلىندى. نۆۋەتتە، 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.