تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30كە يېقىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: «ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 327 مىليون 327 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.6 ئاشتى.» 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ كۆمۈرچىلىكى سانائەتنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «ئۆلچىگۈچ» لۈك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغان.

«بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز قويۇپ بېرىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدا بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاشقا تۈرتكە بولدى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۆمۈر باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ ياۋ.

قوشۇلما قىممەتنى ئىنچىكە ئايرىغاندا، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇش - تاللاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.2 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 2.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىسى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 63 مىليون 120 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىليون 470 مىڭ توننا ئاشتى؛ سېتىلغان كۆمۈر 64 مىليون 610 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىليون 760 مىڭ توننا ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارى بىردەك ئىككى ئاي بۇرۇن 2021 - يىلدىكى پۈتۈن يىللىق مىقداردىن ئېشىپ كەتتى.

قومۇل شەھىرى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئالدىنقى ئون ئايدا قومۇل شەھىرى ئىشلەپچىقارغان كۆمۈر 99 مىليون 700 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.9 ئاشتى. 11 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۈندىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 390 مىڭ توننىغا يەتتى. «11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.» قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۆمۈر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى بېيكاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، قومۇل شەھىرى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈلگەن كۆمۈر تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر كان تۈرلىرىدە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرمەكتە. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى قومۇل شەھىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە ئىشلەپچىقارغان كۆمۈر 23 مىليون توننىغا يەتكەن، بۇ يىل يەنە 17 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەكلىپ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

يۇقۇم مەزگىلىدە، قومۇل شەھىرى نۇقتىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا يول خېتى تارقىتىپ بېرىپ، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، ھەرقايسى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى خېرىدارلار بىلەن ئېلېكتىرونلۇق توختام ئىمزالىدى، سودىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا «ئۇچراشماشلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى %30 ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.» ئارا تۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قومۇل شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئەن شىۋۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىش ئۈچۈن، شىركەت سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»بويىچە توشۇلىدىغان كۆمۈر مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېز ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ۋە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر بازىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.