تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەيلى

− سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، تەشۋىق قىلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، كەلگۈسى بەش يىلدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قەدىمى باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى نىشانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىلمىي بېكىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يول ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، نەگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرى دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پارلاق داغدام يولى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشقا باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر ئۈمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. بىز شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەشتە، جەزمەن شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىش ۋە ئۇنى پىلانلاش كېرەك، ئومۇمىي يىغىندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازا، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى پائال بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئورۇننى دەل جايىدا بېكىتكەندىلا، ئاندىن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، يولنى توغرا ماڭغىلى بولىدۇ، بۇ، بىزنىڭ دۇچ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى ئىلمىي ئىگىلەپ، خىزمەتتىكى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىشىمىزغا پايدىلىق.

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدىغان بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك؛ سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان سۇ بايلىقى جەھەتتىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلاش كېرەك؛ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى كۈچەيتىش جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك؛ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار بىزنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزدىكى كونكرېت ھەرىكەت، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزدىكى كونكرېت ئەمەلىيەت. يېڭى مۇساپىدە، بىز قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.