تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ! ئۈرۈمچى شەھىرى بۈگۈندىن باشلاپ ھەپتە ئاخىرىغىچە قار كۆپ ياغىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ

 

 ئۈرۈمچىنىڭ قار مەنزىرىسى.

مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى

  سېرىق قار مەۋسۇمىدىن كېيىن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جانلىنىشقا باشلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن ھەپتە ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆپ قېتىم قار ياغىدىكەن ھەمدە پات-پات تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن.

  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى ھاۋا رايىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇمانلىق ھاۋارايى يەنە بىر قېتىم كۆرۈلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى سائەت 17دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە تۇمانلىق ھاۋا رايىدىن يەنە بىر قېتىم سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە، ئاساسلىق شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى، گەنچۈەنپۇدا بۈگۈن كۈندۈزگىچە كۆرۈش دەرىجىسى 500 مېتىردىن تۆۋەن تۇمان كۆرۈلىدىكەن، قىسمەن جايلاردا كۆرۈش دەرىجىسى 200 مېتىردىن تۆۋەن تومان كۆرۈلىدىكەن، ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  تۇمانغا ئەگىشىپ يەنە توختىماي سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنى كېچىگىچە، ئۈرۈمچىدە ئازراق قار ياغىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن؛ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە يەنە قار ياغىدىكەن، شۇ چاغدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن.

  پۈتۈن شىنجاڭدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا داۋاملىق قار ياغىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 15تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، قېلىن قارلىق ھاۋا رايىدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قېلىن قارلىق ھاۋا رايىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدىن 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يەنىلا قاتتىق قار ياغىدىكەن(12.1 مىللىمېتىردىن يۇقىرى)، يۇقىرىدا ئېيتىلغان جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قېلىن قار ياغىدىكەن(24.1 مىللىمېتىردىن يۇقىرى). ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمىدا ئۇدا قار ياغىدۇ ھەم قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قاتناش-تىرانسپورت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، شەھەر قاتنىشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش كېرەك. (مۇخبىر لياڭ لې)

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.