ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دەۋران خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ھويلىسىدا، دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلدى. ھويلىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدا، سالىقجان ئىمىن مەھەللە كادىرلىرى، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.
سالىقجان ئىمىن ھويلىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدا، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلماقتا.
چېن يۈەن فوتوسى
سالىقجان بۇ يىل 76 ياشقا كىردى. 13 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر دۈشەنبە كۈنى ۋە مۇھىم بايراملاردا ھويلىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى .«پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بۇ يەرگە كېلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى بۇ «پېشقەدەم بايراق چىقارغۇچى».
بوۋاي ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى بايان قىلدى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى، تارباغاتاينىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندىكى ھەر بىر كىشىنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىز باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك» دېدى سالىقجان.
«سالىقجان بوۋامنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەلبىم بىلەن، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىمەن»دېدى لېكسىيە ئاڭلىغىلى كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى چىن شياۋشۆ.
قارادۆڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ماھىرە ئىسمايىل لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: « سالىقجان تاغا لېكسىيەسىنى ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى، ئاڭلاپ نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز بۇ قىزىل ھويلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بۇ يەرنى ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان يېڭى بازىغا، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلاندۇرىمىز.»
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى