تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى: فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا «پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ئۆتىڭى» بەرپا قىلدى

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىملارغا كېپىنەك گىمناستىكىسى، قورساقتىن نەپەسلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۇسۇللىرى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بارماقتا.

  زوۋ مېيخۇڭ فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ) «كەيپىياتىم خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى، بۈگۈن كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنە بىرنەچچە قېتىم نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى ئىشلەيمەن، بۇنداق قىلسام چوقۇم ياخشى ئۇخلىيالايمەن» دېدى بىر ئاغرىق 11-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ A بۆلمىسىدە جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتىنىڭ كەسپىي پىسخىكىلىق يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن.

  «بىزنىڭ بۇ يەردىكى بىر قىسىم ئاغرىقلاردا ئۇخلىيالماسلىق، ئېغىر دەرىجىدە تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر مەۋجۇت، سىلەرنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشىڭلارنى ۋە بىرگە بىر پىسخىكىلىق ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.» بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، نەنچاڭ داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ ماۋرۇڭ، پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ باۋجېن پىسخىكىلىق كىرىزىسكە تەسىر كۆرسىتىش كوللېكتىپىنى باشلاپ، شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتى مەسئۇل بولغان A بۆلۈمچىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى ئاغرىقلارغا پىسخىك جەھەتتىن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ئېلىپ باردى.

  «ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، كوللېكتىپىمىز پىسخىكىلىق داۋالاش پىلانى تۈزدۇق. ئالدى بىلەن، شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىملارنى كېپىنەك گىمناستىكىسى، قورساقتىن نەپەسلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۇسۇللىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشىغا ياردەم بەردۇق.» خۇ ماۋرۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە تېببىي خادىملارنى باشلاپ كېسەلخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق ئەھۋالىنى باھالاپ، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق، ئۇيقۇسىزلىق ھەم ئېغىر پىسخىكىلىق كېسىلى بار كىشىلەر توپىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىلغاپ چىقىپ، ئۇلار ئۈچۈن يەككە يېتەكلەش لايىھەسى تۈزگەن.

  تەشۋىشلىنىش ئالامىتى بىرقەدەر ئېغىر بولغان بەزى ئاغرىقلارغا قارىتا، ئەترەت ئەزاسى جاڭ گېڭخۇا، زوۋ مېيخۇڭ كېپىنەك گېمناستىكىسى، قورساقتىن نەپەسلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بويىچە بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە ئۇلارنى ئالدى بىلەن دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراشنى سىناپ بېقىشقا، تېلېۋىزور كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھېسسىيات جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىپ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى كېسىلىنى داۋالىتىشقا موھتاج بولۇپلا قالماي، يەنە پىسخىكا جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.» جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، نەنچاڭ داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى خۇ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا كەلگەندىن بۇيان، «پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ئۆتىڭى»نى قۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشىشى، كەيپىياتىنى ياخشىلىشى، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى، ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم A بۆلۈمچىدە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە «پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ئۆتىڭى شىنجاڭ بېكىتى» قۇرۇپ، كەسپىي بىلىملەر ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ گۇمانىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىشنى ئۈمىد قىلدى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.