تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

باش قىش مەزگىلىدە، ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدىكى بىپايان تۇپراقتا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ جۇش ئۇرۇپ، جۇشقۇن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مېلودىيەسى ياڭرىماقتا.

ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى تېز كۆتۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر»دېيىلدى) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سىستېمىلىق پىلانلاندى، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىندى، ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، تونۇش ئۆستۈرۈلدى، ئىشەنچ چىڭىتىلدى، كۈچ مۇجەسسەملەندى، بۇ مۇقەررەركى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپىسى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن زۆرۈر، ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى تولۇق نامايان قىلىندى» دېدى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زوۋ يىۋېي.

«ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجە، پارتىيەنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىردەك ئالدى: بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

تونۇش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، كۈرەش قىلىش روھىنىڭ تېخىمۇ ئۇرغۇغانلىقىنى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئېنىق بولغان ۋەزىپىنامە، يول خەرىتىسى بولۇشقا ئېھتىياجلىق.

ئۆگىنىش داۋامىدا يۆنىلىش ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق قارىدى: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «پىكىر»نىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، خىزمەت تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولۇپ، دىققەت مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشقا يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مىقدارلاشتۇرغىلى، يولغا قويغىلى، باھالىغىلى بولىدىغان ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاندىن شىنجاڭنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا تېپىشىمىزغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ مۇقەررەركى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشتا كۈچلۈك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رىزۋانگۈل ساۋۇت پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى. قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى چىڭ كۆزلىنىپ، 17 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە يۈكسەك ماس كېلىدۇ.

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش... يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق قارىدى: «پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا جەزمەن گەۋدىلەندۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا، ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاچقۇچ.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ئەلى مۇنداق بىلدۈردى: بىز «پىكىر»دىكى تەلەپ بويىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ئاچقۇچلۇقى ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پىلاننى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پىڭ شىنلەي مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىق بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

«ئومۇمىي يىغىن قەلبلەرنى روھلاندۇردى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.» يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپ بويىچە، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس، ئەۋزەل بايلىقىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئىچىدىكى ئاشلىق - ياغ كەسىپلەر توپى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر توپى، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسىپلەر توپى، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى، يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تېزدىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.