تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

​9- قېتىملىق جۇڭگو يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش كۈنى، بۇ بىلىملەرنى بىلەمسىز؟

   11- ئاينىڭ 20- كۈنى 9- قېتىملىق «جۇڭگو يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش كۈنى»، بۇ كۈن كۆپچىلىككە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى يۈز بەرگەندە ئىككى «120»نى ئەستە چىڭ تۇتۇشنى، يەنى دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش ۋە 120 مىنۇتلۇق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشتىكى ئالتۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. يېقىنقى كۈنلەردە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز تۆۋەنلىدى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ ئازراق ئۆرلىدى، بىز ئالدى بىلەن قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلى بولىدىغانلىقى، بالدۇر قۇتقۇزۇپ- داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ باقايلى.

   جياڭسۇ كۈنشەن: ئەر تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغىلىپ قالغاندا ئۆزى داۋالىدى، داۋالىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ۋاقىتتا يىقىلدى

   11- ئاينىڭ 2- كۈنى، سۇجوۋ كۈنشەن شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە، داۋالىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان تۇرغان جاڭ ئەپەندى تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن تېببىي خادىملار دەرھال قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ قۇتقۇزدى.

   جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ زۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: «جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدىكى يولداشلار بىزنى چاقىردى، بىز كوللىكتىپ دىياگنوز قويۇپ بۇ ئاغرىقنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى جىددىي قوزغىلىپ، يۈرىكىنىڭ سوقۇشتىن تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھېس قىلدۇق».

   جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپىراتسىيەسى ئارقىلىق، ئاغرىق جاڭ ئەپەندى ھازىر خەتەردىن قۇتۇلدى. دەسلەپكى قەدەمدە، يېقىندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە كېچە- كۈندۈز ئېسمىنا ئالماشتۇرۇپ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكى يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب، دەپ ھۆكۈم قىلىندى.

   يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىق جاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىشلەۋاتقاندا، مەيدەم چىڭقىلىپ نەپىسىم بۇغۇلغاندەك ھېس قىلىپ، تاكسى توساپ يېتىپ كەلدىم، دوختۇرخانىغا كېلىپ نومۇر ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپتىمەن.»

   فۇجيەن شيامېن: يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئاغرىقى ئۆزى دوختۇرخانىغا ماڭدى، يېرىم يولدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەردى

   ئالدىنقى ھەپتىدە، شيامېن داشۆسى قارىمىقىدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى 49 ياشلىق بىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، بۇ ئاغرىق كېچىدە تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغالغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۆزى دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا بارماقچى بولغان، نەتىجىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن.

   شيامېن داشۆسى قارىمىقىدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئوۋ ۋېيمېي مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۆزى زورمۇزور چىداپ دوختۇرخانىغا بارماقچى بولغان، نەتىجىدە ئۆيى بار بىنادىكى لىفىتتا ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، بېشى يېرىلىپ قان چىققان. بۇ ئاغرىقنى بىر ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى كۆرۈپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپارغان، دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە يۈرەك مەنبەلىك شوك بولۇپ قالغان، كېيىن ECMOنىڭ جىددىي ياردەم بېرىشى بىلەن ئاندىن ئاستا- ئاستا خەتەردىن قۇتۇلدى.»

   كۆپ دوختۇرخانىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئىچىدە كۆپىنچىسى 120گە تېلېفون قىلىپ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئۆزى دوختۇرخانىغا بارىدىكەن، بۇ، ئاممىنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

   ئۇنداقتا، قايسى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى – يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تومۇرنىڭ قان نوكچىسى بىلەن پۈتۈنلەي توسۇلۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ تىپىك ئالامىتى كۆكرەك قىسمىدىكى يۈرەكنىڭ ئالدى رايونى ياكى تۆش سۆڭىكىنىڭ كەينى قاتتىق ئاغرىيدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئادەتتە يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

    بېيجىڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى يۈرەك پىسخولوگىيە تېبابىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى يىن شياۋچۇن مۇنداق دېدى: «بەزى ئاغرىقلاردا سول تەرەپ مۈرە قىسمى، بويۇن قىسمى، ئاستى جاغ ياكى قول تارىلىپ ئاغرىش ھەتتا دۈمبە ئاغرىش، ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش تەڭلا كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەيدە چىڭقىلىش، دەم سىقىلىش، تەرلەش ياكى يۈرەك سوقۇش كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ 120 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىش، ياكى يۈرەك سوقۇش ئاستىلاش، مەسىلەن، 50 قېتىمدىن تۆۋەن بولۇش كۆرۈلىدۇ».

   يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغالغاندا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ «ئىككى 120»نى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغالغاندىن كېيىن دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى 120 مىنۇتلۇق جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى ئالتۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، قان تومۇر قانچە بالدۇر ئېچىۋېتىلسە، مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇش- داۋالاش ئۈمىدى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى ساقلاش بىلەن بىللە، يېنىدىكى كىشىلەرمۇ ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى كېرەك.

   بېيجىڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى يۈرەك پىسخولوگىيە تېبابىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى يىن شياۋچۇن مۇنداق دېدى: «سىز ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ، ياكى تومۇر سوقۇشىنى سانىسىڭىز، ئۇنىڭ بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ تەۋرىنىشىنى ياكى چوڭ قان تومۇرنى سىلاپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىلاپ بىلەلمىسىڭىز ئۇنداقتا ئاغرىقنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بىز يۈرەك- ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا بولسا، بىز ۋاقتىدا تىترەكنى يوقىتىش ئۈسكۈنىسى تېپىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىكى كۆرسەتمە بويىچە ئىشلەتسەك بولىدۇ.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تونۇشتۇردى: مەيدە ئاغرىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، نىترات كىسلاتاسى گلىتسېرىن ئىچكۈزۈپ پەسەيتىشكە بولىدۇ، لېكىن ئەگەر قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ.

   بېيجىڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى يۈرەك پىسخولوگىيە تېبابىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى يىن شياۋچۇن مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ ئاغرىقنىڭ مەيدىسى سىجىل ئاغرىغان بولسا، ياكى سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىڭىز ئۈزۈلۈپ قالسا، ھەتتا ئۇنىڭ ئىنكاسى توغرا بولمىسا، ياكى سىز قان بېسىمىنى ئۆلچىگەن ۋاقىتتا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا خالىغانچە بىز نىترات كىسلاتاسى گلىتسېرىن ئىچكۈرسەك بولمايدۇ، ئۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

   يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىدىن يىراق تۇرۇشتا مۇھىمى ئالدىنى ئېلىش. مەيلى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەن ھاۋا رايى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ۋاقىت بولسۇن، ھەممىسىدە يۈرىكىمىزنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك.

   قىش پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى قان تومۇرنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان بېسىمى ۋە ئىسسىقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

   ئالاقىدار سانلىق ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىش پەسلىدە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ھەر  1 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىسە، كىشىلەر توپىدا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى يۈز بېرىش خەۋپ- خەتىرى %2 ئاشىدىكەن.

   جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىلىك داۋالاش ئىلمى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا ئەزاسى ما جيەنيىڭ مۇنداق دېدى: «قانچە سوغۇق بولسا قان تومۇر شۇنچە ئاسان تارىيىدۇ، تارىيىش بىزنىڭ ئاسانلا تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم دورىلارنى تەڭشەش ئارقىلىق قان بېسىمىنى بىر مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەر، بولۇپمۇ، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر قىش پەسلىدە ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن ئورنىدىن ئاستا تۇرۇشى، بەك تېز، تۇيۇقسىز تۇرماسلىقى، ئۆيدىن چىققاندا ئىسسىقلىقنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

   بېيجىڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى يۈرەك پىسخولوگىيە تېبابىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى يىن شياۋچۇن مۇنداق دېدى: «ئەتىگەندە چېنىقىش ئادىتى بار كىشىلەرگە ئامال بار سوغۇق ئەتىگەندە چېنىقماي، چۈشتە ياكى ھاۋا ئىللىغاندا چىقىپ چېنىقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.»

   «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى خەۋپ ئامىلىدىن يىراق تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ

   يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ، خەۋپ- خەتەردىن يىراق تۇرۇشقا باغلىق.

   جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىلىك داۋالاش ئىلمى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا ئەزاسى ما جيەنيىڭ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان مېيى، يۇقىرى قان شېكىرى بار، ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىمايدىغان، زىيادە يەپ- ئىچىدىغان ياكى تۇرمۇشتا خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى تەرتىپسىز بولغان، يەنە روھىي بېسىمى بەك چوك بولغان كىشىلەر ئاسانلا تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان بۇ كىشىلەر ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپار بولىدۇ.

   يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشلارنىڭ قانۇنىيەتلىك خىزمەت قىلىشى ۋە دەم ئېلىشىغا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ ياشلىشىش يۈزلىنىشىدىنمۇ ئاگاھ بولۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 7- ئايدا، فۇجيەن فۇجوۋدا بىر 19 ياشلىق ئوغۇل بالا ۋاسكىتبول ئويناپ بولغاندىن كېيىن گۈپۈلدىتىپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەن، ئىچىپ بولۇپلا مەيدىسى ئاغرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ يىل 9- ئايدا، خۇبېي ۋۇچاڭدىكى مەلۇم بىر داشۆنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يېڭى ئوقۇغۇچى ۋاسكىتبول ئويناۋاتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بەختكە قارشى قازا قىلغان.

   بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر ياشلارغا قانۇنىيەتلىك خىزمەت قىلىشنى ۋە دەم ئېلىشنى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.