يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ياۋايى بېلىقلار ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ،بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلار بارغانسېرى كۆپەيدى.بۇ يىل 9-ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، 100دىن ئارتۇق ئاق قۇ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلىقى سۇلۇق يەر باغچىسىغا كۆچۈپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، بۇ سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئاق قۇ كۆلىنىڭ سۇ يۈزىدە ئاق قۇلار بىر-بىرىگە جور بولۇشماقتا، ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە ياكى پەرۋاز قىلماقتا، ئاق قۇلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقان يەنە ئاق قوتان، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق ياۋايى قۇشلارمۇ بار.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى