تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، مەردانە چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىمىز

− شىنجاڭدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ.» 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ قارار قىلىپ، يىغىن باش تېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش.

روھنى ئۆگىنىش، تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەش، كەلگۈسى توغرىسىدا توختىلىش... ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغىدى.

بايراقنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، داغدام يولدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشماقتا.

ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

«ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىش، ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى دەرھال كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بىر مەيدان چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرىدىغان كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش باشلاندى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى بەسلىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئالدىن ئۆگىنىدىغان، چوڭقۇر ئۆگىنىدىغان قىزغىن دولقۇن سىجىل كۆتۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى... بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۈچلۈك سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇش، تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا پۇختا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى قاتارلىقلارمۇ دەرھال ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، دوكلاتنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش جەھەتتە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سىجىل، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈردى.

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ھەم بىر قېتىملىق تېخىمۇ چوڭقۇر نەزەرىيە يېتەكچىلىكى، ھەم بىر قېتىملىق تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدىيە سەپەرۋەرلىكى بولۇپ، لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

يېڭى مۇساپىدە چوڭ قەدەم بىلەن مېڭىپ، قەلب دولقۇنلىرى مەۋج ئۇردى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تۈرلۈك قارارلارنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبىدىن قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭقۇرلىشىشقا، قەلبلەرگە سىڭىشىشكە تۈرتكە بولۇش

ئىدارە - ئورگان، زاۋۇت سېخلىرى، ئېتىز ۋە دالا، چارۋىچىلىق رايونلىرى...

ھەربىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەش، قايتا - قايتا ھەمبەھرىلىنىش، ھەربىر بۆلەكتە ھەمتۈرتكە بولۇش...

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى، جەلپكارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، ھاياتىي كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىمىز» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن چېڭجياڭ.

ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تېمىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پۇختا، ياخشى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى.

ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈن جيالىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى سۆزلەپ، چوڭقۇر سۆزلەپ، جانلىق سۆزلەپ، «پارتىيەنىڭ ساداسى»نى يېقىملىق يەرلىك شېۋە ئارقىلىق ئاممىغا يەتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگەنمەكتە، ھەر مىللەت ئاممىمۇ ئۆگەنمەكتە.

«پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، قالتىس مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ.» بۇ كۈنلەردە، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جېڭىس يېزىسى جېڭىس كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى خاۋ شياڭلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، جانلىق، كۆپ خىل لېكسىيە سۆزلەش، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتتى، قوزغىدى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ چاغانتوڭگى يېزىسى مىلچىك كەنتىدە، بىر «ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى» قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا جانلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ھەربىر چارۋىچى ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

«بىز چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرۇپمۇ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلالايمىز!» چارۋىچى باتىڭ تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «10 يىلدىن بۇيان، چارۋىچىلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئائىلىمىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق.» باتىڭمۇ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ «تەشۋىقاتچىسى» بولۇپ، ئۇچرىغانلا كىشىگە لېكسىيە سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىدى.

ئىتتىپاقلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن كېلىدۇ، ئورتاق تونۇش كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا روھىنى مەشئەلگە ئوخشاش يالقۇنجاتتى، ئېتىقادىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملىدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش قىزغىن دولقۇنىنى ئۇرغۇتۇش

چوڭقۇر ئۆگىنىش چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىي ئىشلەش قىزغىن دولقۇنىنى ئۇرغۇتتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

بىر قولدا يۇقۇمنى تىزگىنلەش، بىر قولدا تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش. باش قىشتىكى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 20 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭدا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشقان تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ قالدى.

«قەشقەر ۋىلايىتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىدۇ.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نيې جۇاڭ مۇنداق دېدى: ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى تايانچ نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇرىمىز.

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 2022 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە «تىجارەت باشلاپ»، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن كۈتۈۋالدى. «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، بىز ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەنزىل ئاچىمىز.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى جېڭىس قادىس مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە، ئالتاي قار - مۇز ساياھەت، ئىستىراھەت ماركىسى بەرپا قىلىپ، قار - مۇز كەسپى ۋە كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ساياھەت چوڭ يولى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتارلىق مۇھىم، زور قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ساياھىتى ئاممىۋى قاتناش تور سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئۇيۇل تاشتەك چىڭ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما دەرھال ھەرىكەتكە كېلەلەيدىغان ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا تىرىشتى.

ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى) «سودىگەر چاقىرىشنى كېڭەيتىش» «چوڭ سودىگەر چاقىرىش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.» گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ شەن مۇنداق دېدى: «بىز ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، قاتلىمى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ، تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى تېخىمۇ كۆپ باشلامچى كارخانىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاشقا جەلپ قىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، باغچە رايونىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى، مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولىمىز».

رەشىدەم ھەسەن باي ناھىيەسىنىڭ مىچىغ يېزىسى كۇكۇلا توغراق كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە قوشنىلىرى بىلەن سىلوس پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، 11 كەنت ئاھالىسىنى پاي قوشۇپ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 16 مىڭ يۈەن ئاشۇردى.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى.» رەشىدەم مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش> تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ياخشى قاتناشقۇچى، ھەمبەھرلىگۈچى ۋە كۈچ قوشقۇچىلاردىن بولىمەن».

«ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، بۇرچ زىممىمىزدە، پەقەت جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىشىمىز كېرەك!» يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە بولۇپ، مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن شەرەپ ۋە ئارزۇغا قاراپ يەنە يېڭى مۇساپىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.