تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى قوشۇپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم نۇقتىسى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تارقىلىشى، يامرىشى تېزلىشىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، تارقىلىشىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۈزۈپ تاشلاش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم رايونلاردا قىسمەن دائىرىلىك يۇقۇم يېڭىدىن يۈزبېرىپ، كېڭىيىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىنىڭ سىياسەت مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىدىكى تەلەپلەرگە تۇتاشتۇرۇپ، جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجرا قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، ئېغىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭىدىن كۆپىيىشنى تۆۋەنلىتىش ۋە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىكتەك سەگەكلىكنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، مۇسبەت چىققانلارنى دەل جايىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، كۈندە ئېنىقلاپ، كۈندە ئاياغلاشتۇرۇش، يۆتكەپ ئايرىشتا قاتتىق، تېز بولۇش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش، نۇقتىلىق رايونلاردا نۆللەشتۈرۈش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇستەھكەم بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرى ئۈستىگە ئورنىتىش كېرەك. قىسمەن دائىرىلىك تارقاق يۇقۇمنى كەسكىن، كۈچلۈك، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش داۋامىدا ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىق، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تېز تاسقاپ تەكشۈرۈش، مۇسبەت چىققانلارنى تېز ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، تېز يۆتكەش، تېز ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى توسۇپ، ئۇرۇش سېپىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇستەھكەم توسۇقىنى بەرپا قىلىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم، ماددىي ئەشيا، مۇھىت قاتارلىقلارنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق كۆزىتىش - ئۆلچەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار قاتارلىقلارغا بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا يۈزتۇرا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئەمەلىي ھەل قىلىپ، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش قاتارلىق مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئالاھىدە كىشىلەر توپى قاتارلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت يىرىك بولۇش، پوزىتسىيە سوغۇق بولۇشنى تۈگىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قوغداپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يامان غەرەزدە ئىغۋا توقۇش، سەلبىي جەھەتتىن كۆپتۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. دۆلەت ئىچى - سىرتى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆزى تۇتۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش نامى بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ساقلاپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، ئىش باشلاش، زاپاس تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىستېمالنىڭ تولۇقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.