تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 194 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 50.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت قىممىتى 163 مىليارد 840 مىليون يۈەن، ئىمپورت قىممىتى 30 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىدى، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلدى. 10 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 22 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %108.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 101.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلىشىش، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى باشلامچى سىجىل كۈچەش، تاشقى سودا تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئېشىش، ئالاھىدە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش رايونلىرى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولغان.

ئالدىنقى ئون ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 176 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90.6ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن 57.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 148 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65 ئاشتى؛ RCEP(رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 8 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.4 ئاشتى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 67 مىليارد 650 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %180.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %34.7ىنى ئىگىلىدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ بويىچە قاراماي شەھىرىدىن باشقا، قالغان 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە پەرقلىق تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. شىمالىي شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %73.4ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا مۇقىم تۇردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتىدە بىردەك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى شىنجاڭ بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى.

تاشقى سودا تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئېشىشى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا ئاساسلىق تۈرتكە بولىدىغان كۈچ. ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 176 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90.8ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن 60.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بازار سېتىۋېلىش سودا شەكلىدىكى يېڭى كەسىپ ھالىتى شىنجاڭدا رەسمىي ئەمەلىيلەشتى، ئەسلىدىكى تاشقى سودا كەسپىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەر خەلقئارا سودىغا قاتناشتى، تاشقى سودا سۇبيېكتىنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى يەنىلا چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى ۋە ئادەتتىكى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 116 مىليارد 730 مىليون يۈەن ۋە 56 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولدى، ئىككىسىنىڭ جەملىمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %88.7ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 61 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %484 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %31.4ىنى ئىگىلىدى.

تاۋار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئون ئايدا ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مەھسۇلاتلار بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت ـ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ جەملىمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %84ىنى ئىگىلىگەن. يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %407 ئاشقان، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %439.7 ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.7 ھەسسە ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى قانۇن ـ نىزام ۋە ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يۈەن جياڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى «يولنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، 15 پورت، 164 چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى (يىل ئىچىدە يېڭىدىن 43 لىنىيە كۆپەيتىلدى)، 24 خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى (يىل ئىچىدە يېڭىدىن 11 لىنىيە كۆپەيتىلدى)، ئالتە چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا رايونىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.