فاڭ جىگاڭ:
باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن ئىختىيارىي مۇخبىر خې تيەنيۈن
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېگەن ھۆكۈملەردە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى ساھەلەر، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشىمىز شەرت.
«بۇ، بىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كەلگۈسىدە مەن گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش ھۈنەر - تېخنىكىسى بويىچە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەتقىقات ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نېفىتچىلارنىڭ ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىمەن» دېدى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئىنژېنېرى، جۇڭگو نېفىتى گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش مەركىزىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى فاڭ جىگاڭ.
«قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەرەققىياتى نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ <بايلىقنى يېتەكچى قىلىش>تىن <بايلىق، تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش>كە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەزمەن ئويلاشقا، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، سىناشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەيدىغان باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك» دەپ بىلدۈردى فاڭ جىگاڭ.
نۆۋەتتە، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش تېخنىكىسى تارىم نېفىتلىكى، غەربىي جەنۇب نېفىت - تەبىئىي گازلىقى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئون نەچچە نېفىت - تەبىئىي گازلىق ھەمدە قازاقىستان، ئىران قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ يەتتە نېفىت - تەبىئىي گازلىقىدا قوللىنىلىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 1240 قۇدۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 8 مىليون 300 مىڭ توننا بولدى. 2021 - يىلى، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش تېخنىكىسى «جۇڭگو نېفىتى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»گە تاللاندى.
فاڭ جىگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى تېخىمۇ كەڭ دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.
تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش تېخنىكىسى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك داڭلىق تېخنىكىسى. گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىپ نېفىت - تەبىئىي گازلىقنى ئېچىش يەر يۈزىدىن يۇقىرى بېسىملىق گازنى قۇدۇق ئىچىگە كىرگۈزۈپ، گازنىڭ كېڭىيىش پىرىنسىپى ئارقىلىق، قۇدۇق ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى يەر يۈزىگە ئۆرلىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئېچىش ئۇسۇلى. پەن تەتقىقات يولىدا، فاڭ جىگاڭ كوللېكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت - تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بۇ يىل تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى نېفىت تۇرۇبىسى بىلەن گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىشنى ئارقىمۇئارقا بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا، يۇقىرى بېسىمغا تېخىمۇ چىداملىق بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقلاردا گاز بېسىمى ئارقىلىق ئۆرلىتىش سايمانلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، تارىم نېفىتلىكىدىكى «يەر ئاستى جۇمۇلاڭما چوققىسى»غا جەڭ ئېلان قىلدى.