تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى:

يېڭى مۇساپىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشى، ياچېيكىنىڭ «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»ى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتىنى سۆزلەپ، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىختىساسلىقلار، كادىرلار ئىشلىرى، ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئالاقىدار خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، <ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن> دېگەن خىزمەت ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسىنى توغرا تېپىپ، كەم - كوتسىز ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پىڭ شىنلەي.

«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن <4 - پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يەنە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچەش> پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى چوڭ تۈرلەر، كارخانىلارغا قارىتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن نۇقتىدىن نۇقتىغا ئىشچى ئىشلىتىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ما جاۋفېڭ.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، بىز ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا ۋە شىنجاڭ ئىچىدە داۋالانغان دوختۇرخانىنىڭ تورىنى بىۋاسىتە ئۇلاپ راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پۇقرالارنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.