تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭ نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشنى چىڭ كۆزلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 11- ئاينىڭ 17- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇ جىچۇن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

يېقىنقى بىر باسقۇچلۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق يۇقۇم رايونلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە سىجىل پائال ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا ئۇدا 16 كۈن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلگەنلىكى دوكلات قىلىنمىدى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى جەمئىيەت قاتلىمىدا ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم مۇقىم تۆۋەنلەش باسقۇچىغا كىردى ھەم سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى؛ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە جەمئىيەت قاتلىمىدا ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى. لېكىن يېقىنقى مەزگىلدە قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قىسمەن دائىرىلىك، تارقاق يۇقۇم كۆرۈلدى، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەننىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى بىرقەدەر تېز كۆپىيىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا تارقىلىش خەۋپ- خەتىرى زورايدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە پۇختا ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 20 ماددىلىق تەدبىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاددىيلاشتۇرۇش، «بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇ قاتلام ۋەزىپە يۈكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ھەقىقىي تۈزىتىدۇ. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشنى چىڭ كۆزلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدايدۇ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.

ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئومۇمىي تاكتىكىسى، ئومۇمىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشتىكى 20 ماددىلىق تەدبىرگە ئاساسەن، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىدۇ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خېسۇەن تەكشۈرۈش سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساس سانى ئېنىق بولۇش، ئەۋرىشكە ئېلىش تولۇق بولۇش، تاسقاپ تەكشۈرۈش توغرا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئايرىش نۇقتىسى، فاڭساڭ قاتارلىق بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئاشۇرما مىقدارنى پائال قېزىپ، ساقلانما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، جانلاندۇرۇپ، ئايرىپ كۆزىتىلىدىغان خادىملارنىڭ «ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش»، مۇسبەت چىققان ئاغرىقلارنىڭ «داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئايرىش نۇقتىلىرى، فاڭساڭ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق ھالدا باشقۇرۇش، قاتتىق ماتېرىيال، مۇلازىمەت جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ- خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ؛ دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ داۋالاش، قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ؛ كۆمۈر، توك، ماي، گاز، تىرانسپورتتا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، توك ئىشلىتىش، پار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاشلىق، ماي، كۆكتات، گۆش تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئىنچىكە ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى، سىياسىتى، تەدبىرلىرىنى كەم- كوتىسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.