تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، چېن ۋېيجۈن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى. شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق تېپىپ چىققان دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان توغرا يول، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ يول. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور پىرىنسىپلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» تۈپ يولىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەم - كوتىسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ياخشى تۇتۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.