ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خې تيەنيۈن
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېگەن ھۆكۈملەردە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى ساھەلەر، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت،يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشىمىز شەرت.
فاڭ جىگاڭ گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش سايمىنىنىڭ ئۆلچىمىنى تەكشۈرمەكتە.
مېڭ شياۋيۇڭ فوتوسى
«بۇ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كەلگۈسىدە مەن گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتى ۋە ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىمەن، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياشلىق باھارىمنى، ئىسسىق قېنىمنى تەقدىم قىلىمەن» دېدى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكىنىڭ1 ـ دەرىجىلىك ئىنژېنېرى، جۇڭگو نېفىتچىلىكى گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش مەركىزىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى فاڭ جىگاڭ.
«قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى نېفىت- تەبىئىي گاز ساھەسىدە <بايلىق يېتەكچى بولۇشتىن> تىن <بايلىق، تېخنىكىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش>كە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. بىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى چوقۇم ئويلاشقا، بۆسۈشكە، سىناشقا، قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمىز» دېدى فاڭ جىگاڭ.
قازاقىستان گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش قۇدۇقى ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانى.
خې تيەنيۈن فوتوسى
نۆۋەتتە، تۇرپان-قومۇل گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش تېخنىكىسى تارىم نېفىتلىكى، غەربىي جەنۇب نېفىتلىكى قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت ئىچىدىكى نېفىتلىك ھەمدە قازاقىستان، ئىران قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتىكى يەتتە نېفىتلىكتە ئىشلىتىلدى، دۇنيادىكى 1240 قۇدۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، يىللىق نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 8 مىليون 300 مىڭ توننا بولدى. 2021-يىلى، تۇرپان ـ قومۇل گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش تېخنىكىسى جۇڭگو نېفىتچىلىكىنىڭ «مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
فاڭ جىگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۇرپان ـ قومۇل گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى تېخىمۇ كەڭ بولغان دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەندۈرىمىز.
تۇرپان ـ قومۇل گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش تېخنىكىسى جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك داڭلىق تېخنىكىسى. گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش بىلەن نېفىت-تەبىئىي گاز ئېلىش - يەر يۈزىدىن يۇقىرى بېسىملىق گازنى قۇدۇق ئىچىگە كىرگۈزۈپ، گازلارنىڭ كېڭىيىش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، قۇدۇق سىلىندىرى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى كۆتۈرۈپ يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئېچىش ئۇسۇلى. پەن تەتقىقات يولىدا، فاڭ جىگاڭ كوللېكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇرپان ـ قومۇل گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىنى قوللىنىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت - گاز قۇدۇقىدا سۇ چىقىرىۋېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، 2022-يىلى تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكى نېفىت تۇرۇبىسىنى گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تېخىمۇ چىداملىق، يۇقىرى بېسىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقلاردا گاز ئارقىلىق كۆتۈرۈش قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، تارىم نېفىتلىكىدىكى «يەر ئاستى جۇمۇلاڭما چوققىسى»غا جەڭ ئېلان قىلدى.