تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش پىلانى %120.8 تاماملاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىگە 28 مىليارد 980 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان، بۇ، يىللىق پىلاننىڭ %120.8ىگە باراۋەر بولۇپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان.

9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، شىنجاڭ تيەنلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان EVA قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈن جەريانى ئوڭۇشلۇق راۋانلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ماتېرىيال سېلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، يۇقىرى بېسىملىق پولىئېتىلېن دانچە ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بايلىقنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ئايلانما توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، 5G ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەم ئۇنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، قورغاس قاتناش ئەشيا ئوبوروت باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق بۇ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مۇھىم، زور كەسىپ تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چېتىلىدىغان ئومۇمىي سېلىنما 31 مىليارد 800 مىليون يۈەن.

بۇنىڭدىن باشقا، كۈيتۈن كاڭرۇنجيې پولى سۈت كىسلاتاسى بىيودېگراداتسىيە يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرى، قورغاس ئىستېمال ئېلېكتىرون كەسپى باغچىسى قاتارلىق توققۇز كەسىپ تۈرىنىڭ ھەممىسىدە يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان ـ ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى.

1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدا 45 كەسىپ تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، 19 مىليارد 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. بۇ، شىنجاڭ خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر، ئېلېكتىر، كىرېمنىي بىر گەۋدىلەشكەن تۈرىنىڭ 3 ـ قارارلىق يىلىغا 200 مىڭ توننا سىلوكسان ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى، شىنجاڭ رۇيزې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ ئېگىرىش قۇرۇلۇش تۈرى، شىنجاڭ شىنليەنشىن ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 60 مىڭ توننا پولى فورمالىن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2022 ـ يىلى، شىنجاڭدا كەسىپ تۈرىدىكى جەمئىي 87 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلغان، ئومۇمىي سېلىنمىسى 480 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 24 مىليارد يۈەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.