ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كۇڭ شياڭجۈ مۇنداق دېدى: بۇ كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. مەن دوختۇرخانىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى