تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: مەركەزلىك ئايرىش ۋە ئائىلىدە ئايرىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، خېسۇەن تەكشۈرۈش دائىرىسى ۋە قېتىم سانى قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەيدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 11- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوۋ شياۋگۇاڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق يۇقۇم رايونلىرىدىكى ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا دائىرىلىك تارقالغان يۇقۇم كۆرۈلدى، باشقا جايلاردا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتتىكى خەۋپ- خەتەر چوڭايدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل.

ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، مەركەزلىك ئايرىش ۋە ئائىلىدە ئايرىش ۋاقتى، خېسۇەن تەكشۈرۈش دائىرىسى ۋە قېتىم سانى، ئىككىلەمچى ئۇچراشقۇچىلارنى قايتا بېكىتمەسلىك، خەۋپ- خەتەر رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. داۋاملىق «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، «تۆت بالدۇر بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىش، ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىۋېتىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش»نى، «كۈندە ئېنىقلاش، كۈندە ئاياغلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى، خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈش، يۆتكەپ ئايرىش، داۋالاش- قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىپ، مېخانىزمنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش، كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىدۇ. يۇقۇمغا چېتىشلىق رايونلار تارقىلىش زەنجىرىنى تېز ئېنىقلاپ، يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى قۇلۇپلاپ، مۇسبەت چىققان ۋە يېقىندىن ئۇچراشقان خادىملارنى تېز يۆتكەپ، مەھەللىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تېز ئۈزۈۋېتىدۇ؛ خەۋپ- خەتەر رايونلىرىنى ئايرىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، تۆۋەن رايونلارنىڭ ئىسىملىكىنى ۋاقتىدا ھەرىكەت ھالىتىدە ئېلان قىلىدۇ؛ ئايرىش سورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، ساغلاملىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرىش نۇقتىلىرىدىن مۇسبەت چىققانلارنى يۆتكەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئايرىش سورۇنلىرىدا يۇقۇم تارقىلىش يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىدۇ. باشقا رايونلار خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئايرىش ئۆيى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنى قاتارلىق بايلىق ۋە ئىقتىدارنى زاپاس ساقلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇختا توسۇقنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق، سوغۇق، قوپال خىزمەت ئىستىلىنى تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى سالماققا ئىگە قىلىدۇ، ئىللىقلىققا تېخىمۇ ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.