تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

تەبرىكلەيمىز! جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 2023- يىللىق ئەرلەر ۋاسكىتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىدى

     بېيجىڭ ۋاقتى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، بەھرەيىن ماناما خەلىفە تەنتەربىيە شەھەرچىسى، 2023- يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 5- كۆزنەك مەزگىلىدىكى 2- مەيدان مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 67گە قارشى 80 نەتىجە بىلەن ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە بەھرەيىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، ئالدىن دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە كىرىش بېلىتىگە ئېرىشتى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 32گە قارشى 34 نەتىجىدە بەھرەيىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە كىردى، ئىككى تەرەپ نورمال مۇسابىقە ۋاقتىدا تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ئوينىدى. ئاخىرىدا، ۋاڭ جېلىن 27 نومۇر 14 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، جوۋ پېڭ 12 نومۇر 9 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، جاۋ رۇيمۇ 11 نومۇر ئېلىپ توققۇز ياردەمچى پاس بەردى.

2023- يىللىق ئەرلەر ۋاسكىتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى كېلەر يىلى 8- ئايدا باشلىنىدۇ، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، فىلىپپىن بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.