تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا كۈچ قوشىمەن

فۇ پىڭ:

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا كۈچ قوشىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. قاراماي شەھىرىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش - ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن. مەن مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدايمەن» دېدى قاراماي شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى فۇ پىڭ.

بۇ يىل 1 - ئايدا، قاراماي شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ مەركەزنى قۇرۇشتىكى مەقسەت شىنجاڭدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش، پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدا كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

فۇ پىڭ مۇنداق دېدى: قوغداش مەركىزى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالدىنقى سەپ بەلبېغى، مەركەز ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئاساسلىقى تېز سۈرئەتتە ئالدىن تەكشۈرۈش، تېز سۈرئەتتە ھوقۇقنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى ھەم ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

قوغداش مەركىزى نېفىت ئېلىش، پىششىقلاش ۋە يېڭى ماتېرىيال ساھەسىگە يۈزلىنىپ تېز سۈرئەتتە ئالدىن تەكشۈرۈش كەسپىنى قانات يايدۇردى، ھازىرغا قەدەر، قوغداش مەركىزى ئالدىن تەكشۈرۈپ ماقۇللىغان پاتېنت ئىلتىماسلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا، كەشپىيات پاتېنتىنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16.5 ئايدىن ئەڭ قىسقا بولغاندا 31 خىزمەت كۈنىگە قىسقارغان، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى پاتېنتنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئەڭ قىسقا بولغاندا بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارغان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ پاتېنت تەكشۈرتۈش مۇددىتى ئۇزاق بولۇشتەك توسۇق نۇقتا راۋانلاشتۇرۇلغان.

پاتېنت ئىلتىماس قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، قوغداش مەركىزى پاتېنت تەكشۈرۈش، يېڭىلاش ۋە مىكرو يول باشلاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، قوغداش مەركىزى قاراماي شەھىرىنىڭ پاتېنت مۇكاپاتىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلاشتى ھەم كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، پاتېنت تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچنى توپلاپ ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە قويۇلغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ. مەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قوغداش مەركىزىنىڭ <بىر پونكىت شەكلى>دىكى مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن» دېدى فۇ پىڭ.

فۇ پىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، قوغداش مەركىزىدىكى خىزمەتداشلار بىلەن بىرلىكتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ پاتېنت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز؛ پاتېنتنى تېز سۈرئەتتە ئالدىن تەكشۈرۈش كەسپىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى مەنبەدىن قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى «پۈتۈن زەنجىرلىك» قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.