تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3750 توننا ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، تارىم نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 27 مىليون 360 مىڭ توننا بولدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 140 مىڭ توننا ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئاشقان نېفىت - تەبىئىي گاز مىقدارى 3750 توننا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، نېفىت سۇيۇقلۇقى جەمئىي 6 مىليون 195 مىڭ 500 توننا، تەبىئىي گاز جەمئىي 26 مىليارد 566 مىليون كۇب مېتىر ئىشلەپچىقىرىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى مەخسۇس بەنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇش مەخسۇس بەنىنى دەل ۋاقتىدا قۇرۇپ، ئادەم كۈچى، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ماسلاشتۇردى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئارقىلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىپ، 7236 ئاپتوموبىل(قېتىم)، 218 مىڭ توننا نۇقتىلىق ماددىي ئەشيانىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىي 52 نۇقتىلىق قۇدۇقتا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 49 قۇدۇقتا ئىش توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلاندى.

ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 21 مىڭ 434 توننىغا، كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 95 مىليون 590 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1115 توننا، 390 مىڭ كۇب مېتىر ئاشتى.

بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، خەۋپ - خەتەرگە قارىماي چارلاش سالمىقى ۋە سۈرئىتىدە يىللاردىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. ھازىرغىچە، نېفىت - تەبىئىي گاز بايقالمىغان توققۇز رايوندا نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىدى؛ ئالدىن چارلاشتا دەلىللەنگەن بەش سانائەت خاراكتېرلىك نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسى ئىچىدە، نېفىت - تەبىئىي گازلىق ئالاھىدىلىكى ھەم نېفىت - تەبىئىي گاز بار دائىرىنى تەپسىلىي ئېنىقلىدى. بولۇپمۇ فۇدۇڭ 1 - قۇدۇقىدىكى 8000 مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدا يۇقىرى مەھسۇلاتقا ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم فۇمەن ئاساسىي مەھسۇلات قاتلىمىنىڭ ئاستىدىكى يېڭى تىپ، يېڭى قاتلام سىستېمىسىدا ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىز باسما ساھەسىنى ئاچتى.

ھازىر، تارىم نېفىتلىكىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە قەدەم تېز تاشلاندى، نېفىتلىكتىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، تارقىلىش شەكلىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، قايتا ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، قۇملۇق تاشيولىنى كاربونسىزلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىرغىچە، تارىم نېفىتلىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق»تا يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش جەھەتتە، «200 مىڭ كىلوۋاتلىقنى قۇرۇش، 1 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتلىقنى چىڭ تۇتۇش، 3 مىليون كىلوۋاتلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 5 مىليون كىلوۋاتلىقنى كۆزلەش»تەك تەرتىپلىك ئورنىنى ئېلىش، ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك 39 يۈرۈش قۇرۇلمىنى پىلان بويىچە بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈمدە تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.