تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ %90تىن كۆپرەكى تاماملاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 248 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 26 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئېشىپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ %92ى تاماملانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ تۈرلەرنى تۇتۇپ، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بىر تۈركۈم داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەر ئىچىدىكى داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 159 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، بۇ، يىللىق پىلاننىڭ %93.1ىنى ئىگىلىدى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى، ئاقسۇ - ئارال تۆمۈريولى، G315 لىنىيەسىدىكى يېتىمبۇلاق - چاقىلىق تاشيولى قاتارلىق 43 نۇقتىلىق تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئومۇمىي سېلىنما 278 مىليارد 200 مىليون يۈەن.

يېڭىدىن ئىش باشلانغان 100دىن ئارتۇق تۈردە پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، S226 لىنىيەسىدىكى قاراتۆڭگە - كۆكتوقاي تاشيولى، شەرقىي جۇڭغار(گۇچۇڭ) ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشى، خېجىڭ (بايىنبۇلاق) ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسىنىڭ يانداش ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ رۇيزې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ ئېگىرىش قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق 103 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، پۈتۈن يىللىق يېڭىدىن ئىش باشلاش نىشان - ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، 89 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەر ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى، ئالدىنقى ئون ئايدا جەمئىي 57 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاشتى. ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ نۇقتىلىق دەرىجە ئۆستۈرۈش تۈرى، شىنجاڭ تىيانشان تۆمۈر چوققىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى ھەم دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئۇل قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق ئون مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرى پۈتتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قەشقەر داشۆنىڭ كەسپىي تولۇق كۇرس مائارىپى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى، شىئەن قاتناش داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىنىڭ شىنجاڭ دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 24 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى ئون ئايلىق قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كەسىپلەر بويىچە مۇنداق تەھلىل قىلدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، تاشيول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەر كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتى بىردەك %100تىن ئېشىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى؛ بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىقتىساد - سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.