ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى ئاقچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شاربات ئالىيقان پۈتۈن بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما رازى بولىدىغان«شەھەر مېھمان قوبۇل قىلىش زالى» بەرپا قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بەختلىك مەھەللە بەرپا قىلماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى بىلەن، ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىمەن.
شاربات ئالىيقان مۇنداق دېدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جان-دىل بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز».
مۇخبىر: چاڭ چىمىڭ
ئىختىيارىي مۇخبىرلار: جىن بىڭ، ليۇ ليەنليەن
فىلىم ئىشلىگۈچى: خۇ يۈن
نازارەتچىلەر: شۆ جىڭ، چاڭ چىمىڭ