تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خۇنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 17 نەپەر ئەر سېسترا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈپ ئەستايىدىللىق بىلەن ھاياتلىقنى قوغدىدى

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر تاڭ لىجۈن) شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 8ـ دوختۇرخانىدا خۇنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدە 17 ئەر سېسترا بار بولۇپ، ئۇلار ئايال سېسترالارغا ئوخشاش مېھرىبانلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر نۇرغۇن ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، كېسەل رايونىدا ئەركەكلەرچە «قوغداش» ۋە «قارشى يۆنىلىشتە مېڭىش» خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

11- ئاينىڭ 12- كۈنى، خۇنەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەر سېسترالار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يۈ خەيمىڭ فوتوسى

11- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدىن كەلگەن، خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان جەي مىڭدا بىر ئاغرىقنىڭ ياتاق يارىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەدىنىنى ئۆرۈپ قويۇۋاتاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆرۈگەچ، بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلىرىغا ئۈلگە كۆرسەتتى، «بەدەن ئۆرۈشنىڭمۇ ئۆلچىمى بار، بۇنداق ئۆرۈسە سېسترا كۈچىنى تېجەپ قالىدۇ، بىمارمۇ راھەتلىنىدۇ.» جەي مىڭدا مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئادىتى ۋە ئۆلچىمىنى مەن ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ كەلدىم.

كېسەل رايونىدا، جەي مىڭدا ئاساسىي كېسەللەر بىرلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئاغرىقنى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزدى. «01-، 05-، 12- كارىۋاتتىكى ئاغرىقلارنى ھەر كۈنى دۈم ياتقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ، 16- كارىۋاتتىكى ئاغرىقنىڭ بەلغىمى بىر قەدەر كۆپ ھەم يېپىشقاق، ھەر قايسى ئىسمېنىدىكىلەر نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.» جەي مىڭدا مۇنداق دېدى: گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر بىر ئاغرىقنىڭ ھەر كۈنلۈك كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىشىنى چوقۇم تەپسىلىي ئىگىلەپ، ھەر ۋاقىت ۋېيشىن توپىدا كىچىك گۇرۇپپا ئەزالىرىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا بايقاشقا ئەسكەرتىمەن.

ئەترەتتىكى سېسترالار باشلىقى يىن جۈن سېسترالىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە «تېخنىك ئەسكەر»لىك قىلدى. «ۋەي، سېسترالار باشلىقى، 04- كارىۋاتتىكى قان سۈزۈش ماشىنىسى داۋالاش جەريانىدا تەڭپۇڭلۇقى قوزغالمىدى، سىگنالمۇ بەرمىدى، ھازىر قانداق قىلىمىز ؟» بىر كۈنى يېرىم كېچىدە، يىن جۈنگە كېسەلخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان سېسترادىن تېلېفون كەلدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن قوپۇپ، تەپسىلىي سوراش ئارقىلىق، بۇ نەيچە يولىنىڭ ئۇدا 60 سائەتكە يېقىن مەشغۇلات قىلغانلىقى، ماشىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇق خاتالىق پەرقىنىڭ بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

يىن جۈن تېلېفوندا، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان سېستراغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ: «داۋالاشنى ئاپتوماتىك توختىتىپ، يېڭى يانداش نەيچە يولىنى ئالماشتۇرۇڭ» دېدى. نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان سېسترا بىر قېتىم مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، ماشىنا قايتىدىن نورمال يۈرۈشتى.

سېسترا شۈ خۇيشيەن نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئاكىلارچە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى. ئۇ تۈرلۈك بۇيۇملارنىڭ قويۇلغان ئورنىنى ئېنىق بىلگەچكە، كۆپچىلىكنى جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا ئېلىشىنى ئۈنۈملۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، پەرۋىش قوشۇنىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئومۇمىي ئىشلار ئەسكىرى»گە ئايلاندى. كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدىمۇ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك پەرۋىش جەدۋەللىرىنى ئىشلەپ، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ، تېببىي خادىملار ۋە ئاغرىقلارنىڭ مەسىلىلىرىنى رەتلەپ خاتىرىلىشىگە ياردەم بېرىپ، تېببىي خادىملارنىڭ دەل جايىدا داۋالىشىغا تىرەك بولدى.

خې جيې ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىشلاردا پۇختا، ئىنچىكە ئىدى، خىزمەتنى ھەرقاچان تەرتىپلىك، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەترەت ئەزالىرىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ ھەر كۈنى كېسەلخانىنى ئارىلاپ، كەسپىي مەشغۇلاتتىن باشقا يەنە ئاغرىقلارغا سۇ ئىچكۈزۈپ، تاماق يېگۈزۈپ، بەدىنىنى ئۆرۈپ قويدى. ئۇنىڭ كەسىپنى قەدىرلەشتەك خىزمەت پوزىتسىيەسى ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەر سېسترالارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مەلۇم تەرەپتىكى خىزمەتكە ئاساسلىق مەسئۇل، شۇنداقلا يەنە ئۆزئارا بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، گويا ھەممە چالغۇ تەڭكەش چېلىنغان سىمفونىيەگە ئوخشايدۇ. خىزمەت جەريانىدا، ئۇلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئەڭ ياخشى ھەمراھ بولۇشىدۇ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ ۋېيشىن ئارقىلىق بىر كۈنلۈك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى خۇلاسىلەپ، تەجرىبىلىرىنى بەھرىلەپ، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى قايتا- قايتا تەكىتلىشىدۇ. ئۇلار قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كەسپىي تېخنىكىسى ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.