تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى تاماملاندى

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى تاماملاندى. ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ، جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ يى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تەربىيەلەش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ «بىرىنچى سائەتلىك دەرسى»نى ئۆتۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى ئۈچۈن نەمۇنە، ئۈلگە تىكلەپ بەردى. يەتتە يېرىم كۈن داۋاملاشقان تەربىيەلەشتە، دۆلەت ئىچىدىكى 19 نەپەر داڭلىق مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، سىستېمىلىق كونسۇلتاتسىيە قىلدى. 2400دىن ئارتۇق كۇرسانت توردا ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 2 ـ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.