ۋەكىل زورىگۈل نىياز:
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئانار دانىسى بولىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
بېيجىڭدىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش شۆبە شىركىتى تىرانسفورموتور يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش 2 - مەركىزى تۇرپان تىرانسفورموتور يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش بەنىنىڭ بەنجاڭى زورىگۈل نىياز ئىزچىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
«مەن تور شەكلى ئارقىلىق ئۈچ مەيدان لېكسىيە سۆزلىدىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگىنىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىكى كارخانىلار ئىچىدە تەشكىللىگىنىمۇ بار. كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى» دېدى زورىگۈل نىياز.
ئېلېكتىر تورىنى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئېنېرگىيە» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگەن سۆزلەر زورىگۈل نىيازنىڭ لېكسىيەسىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزلەردۇر.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زورىگۈل نىياز بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان 750 كىلوۋولتلۇق تۇرپان تىرانسفورموتور پونكىتى جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئۇنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشى ئېلېكتىر تورىنى مۇقىم توك بىلەن تەمىنلەش، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم رولغا ئىگە.
زورىگۈل نىياز شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى لېكسىيەگە سىڭدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پاكىز ئېنېرگىيە سىياسىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ، شامال، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ ئۆزگەرتتى. ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتە «ئىككى تۈز، ئىككى كېسىشكەن» تۆت سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنى قۇرۇپ چىقىپ، توكنى مەملىكەتتىكى 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە يەتكۈزۈپ، 500 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا نەپ يەتكۈزدى.
«بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى كەڭ دائىرىدە تەقسىملىشىگە تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇھىت بېسىمىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىمىزگە ئالغان» دېدى زورىگۈل نىياز.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك».
ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زورىگۈل نىياز ئىدارىسىدىكى كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى. زورىگۈل نىياز خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن بەشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش خىزمىتىگە قاتناشتى، بۇ تىرانسفورموتور پونكىتلىرىدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. «750 كىلوۋولتلۇق تۇرپان تىرانسفورموتور پونكىتىدا، مەن ۋە ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، مانجۇ، خەنزۇ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان خىزمەتداشلىرىم تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولىمىز، مەيلى قايسىلا مىللەتتىن بولايلى، كۆپچىلىكنىڭ پەقەت بىرلا ئورتاق نىشانى بار، ئۇ بولسىمۇ تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.» زورىگۈل نىياز مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم قويدى، ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار چوقۇم ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».