تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان «جەڭگىۋار قورغان» بەرپا قىلىمىز

ۋەكىل ما لى:

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان «جەڭگىۋار قورغان» بەرپا قىلىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىم ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن باشتىن - ئاخىر چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا ياردەم بېرىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى <ماگنىت> بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە گەۋدىلەندۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمەن». 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بىڭتۇەن 12 - شى شىسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ئەنكاڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما لى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش خاتىرىسىگە ئەستايىدىل تەسىرات يازدى.

مۇشۇ كۈنلەردە، مالى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چېپىپ يۈرۈپ، ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزدى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلدى... ئۇ ھەر كۈنى مەيلى قانچىلىك كەچ بولۇپ كەتكىچە ئالدىراش ئىشلىشىدىن قەتئىينەزەر، دوكلات ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇردى. «جەزمەن ئەينەن، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرەلەيمىز ھەم ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالايمىز» دېدى ما لى.

بېيجىڭدىن قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ما لى ئىزچىل بىكار تۇرمىدى. 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋە 29 - كۈنى، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئەزالىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارغا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە سۆزلەش داۋامىدا، ئۇ قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈش ئەھۋالى ۋە قۇرۇلتايغا قاتنىشىش تەسىراتىنى تونۇشتۇردى، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاياللارنى پارتىيەگە ئەگىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ما لى مۇنداق قارىدى: مەھەللىدە تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلار بار، پەقەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى تۇتقاندىلا، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار قورغاننىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ دەل بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ما لى مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تۈزۈپ ھەم ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق تۈرلۈك تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسىنى دائىم چىڭ تۇتتى. ئۇ يەنە مەھەللىدە «توردا پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇش، بىنادا پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت ئېتىزى بولۇش، دەنيۈەندە پارتىيە ئەزالىرى مەركىزىي ئائىلىسى بولۇش»تىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا يېتەكلەش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى. تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش، قوش مۇلازىمەت قىلىش» ئارقىلىق ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مەھەللە قۇرۇشقا كۈچ قوشتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە، پارتىيە ئەزالىرى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى. «بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش يولىدا داۋاملىق مېڭىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئاشۇرۇلسا، ئامما بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارسا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق» دېدى ما لى.

مالى مەھەللە كادىرلىرى ۋىيشىن توپى ۋە ئاھالىلەر ۋىيشىن توپىدا ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چۈشەندۈرۈش ماقالىسى، سىن قاتارلىقلارنى تارقاتتى، يەنە بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ توردا«مىكرو لېكسىيە»نى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرگە يېقىشلىق تىل بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئېنىق، تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

يېڭى مۇساپىدە قەدەم توختاپ قالمايدۇ. ما لى ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى، مەھەللە ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۇەيبەن، شياڭشېڭ قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنى پىلانلىدى. «مەن يەنە ئورگان، مەھەللە، ليەندۈي، مەكتەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى مالى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.