تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

21 ـ ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتى مۇخبىرى جياۋ يىفېي

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىقتىسادى يۇقىرى نۇقتىدىن باشلاپ پۇختا مېڭىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىم ياخشىلاندى، ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 302 مىليارد 382 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. «ئۈچ پەسىلدە پايدا ئېلىش» نىشانىنىڭ ئارقىسىدا، سېلىنما مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇردى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سالمىقى زورايدى

«يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، مەبلەغ سېلىش سىجىللىقى يەنىلا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى ساقلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جۇڭجېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۈرلەر ئارقىلىق يېتەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىگە سىجىل كۈچىدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سېلىنما كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشنى ئاچقۇچلۇق تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇش تۈرىدىن 13 مىڭ 660ى پىلانلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1382سى كۆپىيىپ، %11.3 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈر 3591 بولۇپ، 579ى كۆپىيىپ، %19.2 ئاشتى.

مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ «ئاشۇرما مىقدارنى كېڭەيتىش» ىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغمۇ تېز ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 5.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر تۈرى سېلىنمىسىدا 2.5 ھەسسە بولغان يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى ساقلاندى.

«ئىچكى رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭدا يەر كەڭ بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئاساسىي قۇرۇلۇشتا يەنىلا بىرقەدەر چوڭ ئېشىش بوشلۇقى بار، بولۇپمۇ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېز قۇرۇش ۋە ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.» گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى كەسىپ ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ جاۋيۈەن مۇنداق قارىدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە مۇددەتتىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇش كۆزنەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە قويۇپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە سىجىل كۈچىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئەنئەنىۋى ئاساسىي قۇرۇلۇش بىلەن يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنى ماس ھالدا تەڭ ئېلىپ بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەمئىي ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق تۈر 370 بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ يولىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قاتارلىق 87 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇلۇپ ئورۇندالدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 217 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلۇپ، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.

گۇاڭدا بانكىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى بۆلۈمىنىڭ ماكرو تەتقىقاتچىسى جوۋ ماۋخۇا مۇنداق بىلدۈردى: كاپىتال بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ زور تۈرلەردە ئارقا ـ ئارقىدىن ئىش باشلاپ، تېزدىن ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈردى، بۇ، شىنجاڭ ھەتتا دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى ئالاقىدار كەسىپ بۆلەكلىرىنىڭ گۈللىنىش دەرىجىسىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، 4 ـ پەسىلدە ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق تېزلىتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

سانائەت سېلىنمىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى كۈچەيدى

سانائەت سېلىنمىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنىڭ كاپالىتى بولۇپ، سانائەت تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى تېخىمۇ كۆپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.1 ئېشىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 10.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىدا «سېلىنما ئېشىش، قۇرۇلما ئەلالىشىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش»تەك ياخشى يۈرۈشۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ پولات تۆمۈر سانائىتى سېلىنمىسى %75.1 ئاشتى. باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پىلانلىغان 2022 ـ يىللىق مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 1 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 1 مىليارد 230 مىليون يۈەن سېلىنما تاماملىنىپ، يىللىق سېلىنما پىلانىنىڭ %75ى ئورۇندالدى. مول ھىدروگېن ـ كاربون ئايلانما دومنا پېچى 3 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى قىزدۇرۇش تۈرى، سىنك تەركىبلىك چاڭ ـ توزاندىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.

دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى مۆلچەر بۆلۈمى كەسىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېي چىجيا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ شەرقىي قىسىمدىكى رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىشتا غايەت زور بوشلۇققا ۋە غەربكە قاراپ كېڭىيىپ خەلقئارا بازارنى ئېچىشتا جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. نۇرغۇن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تېخىمۇ كۆپ كەسىپنى شىنجاڭغا تۇتاشتۇرۇش، يۆتكەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە يەنە شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى كەسىپلەرنى يۆتكەشنى پائال قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر يولغا قويۇش پىكرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى كەسىپلەرنىڭ دەسلەپكى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىشتىن پەن ـ تېخنىكىلىق، مودا، يېشىل بولۇشنى يۆنىلىش قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە توقۇمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.9 ئاشتى.

يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە نىسبەتەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىشنى يادرو قىلىپ، خاسلىقى، ئەۋزەللىكى روشەن، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى مۇۋاپىق بولغان بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلدى، ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭنىڭ 3 ـ پەسىلدە ئىش باشلىغان 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان مۇھىم، زور تۈر تىزىملىكىدىمۇ ئالاقىدار كەسىپ تۈرلىرى ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇش باشلاش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز. مەسىلەن، شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان مېتانول دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا توقسۇن ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، تۈر قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىش نۇرغۇن سانائەت سېلىنمىسى ساھەسى ئورتاق تاللايدىغان تۈر بولۇپ قالدى. 2021 ـ يىلى، 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتى باشلامچى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىمىلىق يۈرۈشلۈك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قوزغاپ، قەدەمگە بۆلۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ يولغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئارقا ـ ئارقىدىن ئالغا سىلجىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2022 ـ يىلى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش تۈرىدىن جەمئىي 74 تۈر يولغا قويۇلدى، 2023 ـ يىلى 8 ـ ئايدا قۇرۇلۇشنى تاماملاپ تاپشۇرۇش پىلانلاندى.

شۈ جاۋيۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسىدا تەخمىنەن %40نى ئىگىلىگەن تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىغا بولغان ئېھتىياج سىجىل قويۇپ بېرىلمەكتە. شىنجاڭنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسىمۇ كونا ـ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيەدىن پاكىز پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى يەنە زورايتىلىدۇ.

4 ـ پەسىلدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل چىڭ تۇتۇلدى

ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاچقۇچلۇق كۈچەش باسقۇچىغا كىردى. 4 ـ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادتىكى سالمىقى ئەڭ زور، شۇنداقلا بۇ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيدىغان كۆزنەك مەزگىل، ئاچقۇچلۇق مەزگىل. 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۈنۈملۈك سېلىنما مۇھىم تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە 10 ـ قېتىملىق يىغىننى تەشكىللەپ ئېچىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن سېلىنما نىشان ـ ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن، 4 ـ پەسىلدە تاماملاشقا تېگىشلىك سېلىنما ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى كۆپرەك تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تۈر مەبلىغى چىقىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك مالىيە مەبلىغى ۋە فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەڭشەپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ بىلدۈردى جاڭ يۇڭلياڭ.

ھازىر، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە بەرگەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرزىنىڭ سىياسەت پايدىسىدىن پائال ياخشى پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە كىرېدىت ئېھتىياجىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، 4 ـ پەسىلدە سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

ۋېي چىجيا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم ئالاقىدار داۋاملاشما سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى، ھازىر سىياسەتنىڭ پايدىسى ۋە سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ 4 ـ پەسىللىك ھەتتا كېلەر يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ھەممىسىدە بىرقەدەر ياخشى ئېشىشنىڭ ساقلىنىشى مۆلچەرلەندى، لېكىن يەنىلا يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشى ئېلىپ كەلگەن ئېنىقسىز ئامىللاردىن ھوشيار بولۇپ، زاپاس ساقلاش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

كېيىنكى باسقۇچتا، شىنجاڭ يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم قىلىش ـ يۆلەشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ساھەسىنى چەكلەپ تۇرغان 50 تۈرلۈك مۇھىم، زور سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تۈرلەرنىڭ يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، رەڭلىك مېتال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.