تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى:

ئالدىنقى ئون ئايدا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

11 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يىخۇا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋۇسەيۋەن 1 ـ نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. يېقىنقى مەزگىلدە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، توك تارقىتىش، پار بىلەن تەمىنلەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر ھەم شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنى تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. □ خې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 63 مىليون 120 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىليون 470 مىڭ توننا ئاشتى؛ سېتىلغان كۆمۈر 64 مىليون 610 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىليون 760 مىڭ توننا ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىردەك 2021 ـ يىلى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ رايوندىن چىقىرىش كۆمۈر مىقدارى 2 مىليون 340 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليون 170 مىڭ توننا ئېشىپ، يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈردە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋاقتىدا قوزغىتىپ، «ھەپتىلىك پىلان، كۈندىلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نىشانى بويىچە، كۈندىلىك ئارقىلىق ھەپتىلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ھەپتىلىك ئارقىلىق ئايلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىق ئارقىلىق يىللىققا كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆرسەتكۈچىدە يەنە تارىخىي يېڭى سەۋىيە ياراتتى.

ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەشنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق، بۇ شىركەت كۆمۈر ئايرىش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈر قازالايدىغان بولۇش، تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، شەرقىي جۇڭغار ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ئىشقا ئاشۇرغان كۈندىلىك ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 110 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ كاننىڭ كۈندىلىك ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

كۆمۈرنى قازغاندىن باشقا يەنە توشۇش كېرەك، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەش ئارقىلىق، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى بايلىق يۆنىلىشىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، تۆمۈريول، كارىدور، ئاپتوموبىل تىرانسپورت سىستېمىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆمۈر بىلەن مۇقىم، دەل جايىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ شىركەت تىرانسپورت تەشكىللەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرلىك بېلەت يەتكۈزگۈچ قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كانغا كىرىپ كۆمۈر توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا «بىر ئاپتوموبىلغا بىر كود بىر خېسۇەن»نى يولغا قويۇپ، گىرخانىدا «بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ»، ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يول يۈرۈشىگە، كۆمۈرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىسى بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى 63 نۇقتىلىق كارخانىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈرنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %19.31كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.