تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى شىنجاڭلىق قىزلار: «يۇرتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز»

   جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدە، يۇرتى شىنجاڭدىن بولغان ئۈچ نەپەر دوختۇر ۋە سېسترا بار، ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق نەنچاڭ داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كېلىشىۋالغاندەكلا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى، «يۇرتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز». 

   11- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىر تېلېفون ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدىكى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئۈچ شىنجاڭلىق قىز گۈلىستان تۇرغۇن، جۇڭ مىن ۋە ۋۇ چيۇيۆنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

   گۈلىستان تۇرغۇن: قولۇمدىن كېلىشىچە ئاغرىقلارغا ياردەم قىلىمەن 

جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى گۈلىستان تۇرغۇن. مۇخبىر لى شياۋچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ بىن فوتوسى

   داۋالاش ئەترىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كاللامدا ئالدى بىلەن «مەن چوقۇم بېرىشىم كېرەك» دېگەن ئىنكاس پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە، مەن تېخى 7- ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ، ئاقسۇدا يولدىشىم ئىككىمىز ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمىزنىڭ تىلىكىدە، توي خېتى ئېلىپ توي قىلغانىدۇق! بۇ قېتىم يۇرتۇمغا قايتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشۇمنى يولدىشىممۇ ناھايىتى قوللىدى.

   فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا، كۆپىنچىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە يېنىك ئاغرىقلار بولۇپ، بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەر كۈنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش ئەترىتىگە ئەگىشىپ، فاڭساڭغا كىرىپ، ياتاقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ كونكرېت كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاغرىقلارنى كېسىلىگە قاراپ داۋالاپ، ئۇلارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

   ئاق خالاتتا ئىسىمىم بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئاغرىق مېنىڭ جياڭشىدىن كەلگەن شىنجاڭلىق قىز ئىكەنلىكىمنى بىلدى، يەنە بەزىلەر مېنى يېقىملىق ھالدا «گۈلى دوختۇر» دەپ چاقىرىدۇ، مەن ئۇلار بىلەن قەلبىمنىڭ تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

   بۇ يەردە، مەن دوختۇر بولۇپلا قالماي، يەنە پىسخىكا يېتەكچىسى، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، يۇرتۇمنىڭ چوقۇم ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچى ۋە قىزغىن كەيپىياتىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

   جۇڭ مىن: يۇرتداشلىرىم ماڭا ھەر ۋاقىت ئىللىقلىق يەتكۈزۈۋاتىدۇ

جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جۇڭ مىن.  مۇخبىر لى شياۋچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ بىن فوتوسى

   10 يىللىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش خىزمەت كەچۈرمىشىم ۋە كۆپ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەچۈرمىشىم بار بىر تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، داۋالاش ئەترىتىگە ئەگىشىپ ئۆز يۇرتۇمغا كېلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىش، باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىم!

   خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش، كېسەلگە قاراش، كېسەل رايونىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ساغلاملىق تەشۋىق- تەربىيەسى ئىشلەش... فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا، بىز سېسترالارنىڭ ئۈستىمىزگە ئالغان خىزمىتىمىز نىسبەتەن ئۇششاق- چۈششەك، مۇرەككەپ، مېنى تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، بەزى ئاغرىقلار بىزنىڭ قوغدىنىش كىيىمى كىيىۋېلىپ، ھەرىكىتىمىزنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن: «قانداق ئاددىيراق ئىشلار بار، بىز سىزگە قىلىشىپ بېرەيلى» دەيدۇ.

   كېيىن، فاڭساڭدىكى بەزى ئاغرىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەق بىلەن ھېسابلاشماي، جاپا- مۇشەققەتتىن قورقماي، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ خىزمەت يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپلا قالماي، ئاكتىپ، ئوچۇق- يورۇق روھىي ھالەت بىلەن فاڭساڭدىكى باشقا ئاغرىقلارغا تۈرتكە بولدى. مەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن، يۇرتداشلىرىمنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، قىزغىنلىقىنى كۆردۈم! ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بىز چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلالايمىز.

   ۋۇ چيۇيۆ: مەن «پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ پەخرى»

جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋۇ چيۇيۆ.  مۇخبىر لى شياۋچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ بىن فوتوسى

   ۋۇ چيۇيۆ 95- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان، يەتتە يىل ئىلگىرى، جياڭشىغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلغان، گەرچە سىرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتا- ئانىسى، ئاچا- سىڭىللىرى، نۇرغۇن ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرى شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇ يۇرتىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ.

   بۇ يىل 10- ئايدا، نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېستراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ  شىنجاڭغا قايتىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا 1- بولۇپ تىزىملاتتى، تۇمشۇق شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاپىسى سىنلىق كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: «كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىپ، مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىڭ، يۇرتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىڭ، سىز پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ پەخرى».

   ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ۋۇ چيۇيۆنىڭ خىزمەتتە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا، نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا، ۋۇ چيۇيۆ ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغىمۇ دىققەت قىلىپ، سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ غەم- ئەندىشىنى تۈگىتىپ، ئۇلارغا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشىغا ياردەم بەردى.

(مۇخبىر: لى شياۋچىڭ)  

پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.