تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى  پۈتۈن يىللىق ئاشلىق، پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

​− پۈتۈن مەملىكەت بازىرى نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا نەزەر

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى 3000 مو دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىكتە، بىر ئاپتوماتىك تايلاپ پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا. لوپنۇر ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە مۇھىم يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنچىكە تالالىق پاختا ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، بۇ يەردىن چىقىدىغان پاختىنىڭ تالاسى ئۇزۇن، رەڭگى ياخشى، سۈپىتى ئەلا. □ ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

21 - ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتى مۇخبىرى لى شا

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 355 مىليارد 134 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت ساقلاندى.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئورۇندىلىش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بولغان. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليون 551 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، ئۇدا كۆپ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋەزىيىتى مۇستەھكەملەنگەن؛ كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى، نۆۋەتتە دەل پاختا يىغىش پەسلى بولۇپ، يىغىش، ساقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلار گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى تەرەپلەر پائال تىرىشىپ پاختا يىغىۋېلىشنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتماقتا. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەم ئېشىش، ئومۇمىي مەھسۇلات ئېشىش، بىرلىك مەھسۇلات ئېشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئېشىش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن ئالتە پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، %81كە يەتتى.

ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بېقىلىۋاتقان چارۋا مىقدارىدا ئېشىش ھالىتى ساقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتات ھوسۇلى 12 مىليون 761 مىڭ 500 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى؛ مېۋە ھوسۇلى 9 مىليون 320 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئاشتى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بېقىلىۋاتقان كالا، قوي، چوشقا 61 مىليون 163 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشتى؛ بېقىلىۋاتقان ئۆي قۇشلىرى 56 مىليون 67 مىڭ 100گە يەتتى.

پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم بولغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونى. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىل تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئىككى تۈركۈمدىكى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن جەمئىي 3 مىليارد 390 مىليون يۈەننى بىرتۇتاش جۇغلاپ، ھەممىسىنى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئىشلىتىپ، ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان بۇغداي تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى 230 يۈەنگە ئۆستۈردى ھەم بېرىشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

دادۇر ۋە ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشمۇ بۇ يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە. شىنجاڭ ئۆزى مەبلەغ جۇغلاپ، دادۇر، خاسىڭ تېرىش مەخسۇس تۈر ياردەم تولۇقلىمىسى تەسىس قىلىپ، خاسىڭ تېرىلغان ھەر مو يەرگە 500 يۈەن، دادۇر تېرىلغان ھەر مو يەرگە 300 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمى بويىچە، دادۇر، خاسىڭ تېرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم پۇلى بەردى.

ياردەم تولۇقلىمىسى بەرگەندىن باشقا، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەمۇرىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مۇلازىمەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. بولۇپمۇ بۇ يىل يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قېلىپلاشقان تېرىش، چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ بوشىتىش قاتارلىق ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى، يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 551 مىڭ 700 توننا بولۇپ، كۆلەم، ئومۇمىي ھوسۇل، بىرلىك ھوسۇلدىن ئىبارەت «ئۈچنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل يازدا كىلىمات جەھەتتە ئومۇمەن تېمپېراتۇرا يۇقىرى، يامغۇر ئاز بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ھاۋارايى خاراكتېرلىك قۇرغاقچىلىق يۈزبېرىپ، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى. شاڭخەي گاڭليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ ئاشلىق ئانالىزچىسى لى خۇڭچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: كۆممىقوناق شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق زىرائەت بولۇپ، تەخمىنەن توققۇز ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ. كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ئاساسلىقى 5 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئىسسىقنى خالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ۋە ھوسۇل يىغىش مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت ۋە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ تەدبىر قوللىنىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدا 16 مىليون موغا يېقىن يەردىكى كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىندى، بۇ سۈرئەت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولۇپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى.

نۆۋەتتە، يىغىۋېلىنغان كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىچىدە، 14 مىليون 600 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناقنى يىغىۋېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 800 مىڭ مودىن كۆپرەك ئېشىپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك كۆلەمنىڭ %98ىنى ئىگىلىدى. 350 مىڭ مو يەردىكى دادۇرنى يىغىۋېلىش تاماملىنىپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك كۆلەمنىڭ %86ىنى ئىگىلىدى؛ 120 مىڭ مو يەردىكى خاسىڭنى يىغىۋېلىش تاماملىنىپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك كۆلەمنىڭ %93ىنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتى ۋە كىلىمات شارائىتى ئاشلىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى خاسلىققا ئىگە قىلغان، لى خۇڭچاۋ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە تۇتۇش قىلغاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ، خاس ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ھەم تور قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت شەكىللىرىنى قوللىنىپ سىرتقا كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بازاردىكى ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى

دۇنيا پاختىسىغا نەزەر سالغاندا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىسىغا نەزەر سالغاندا شىنجاڭغا قاراش كېرەك. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 731 مىڭ توننا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 129 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %89.5ىنى ئىگىلىگەن.

پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى كۆپلىگەن يېتەكچى لايىھەلەرنى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق دېھقانچىلىق مەزگىللىرىدە، تېخنىكا مۇلازىمىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل، شىنجاڭ(يەرلىك)دا كېۋەزنى «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېخنىكىسى كېڭەيتىلگەن كۆلەم 9 مىليون 208 مىڭ موغا يەتكەن، تۈجۈپىلەپ تېرىلغان كۆلەم 20 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كېۋەز ئۆستۈرۈش سەۋىيەسى ئۆسكەن.

پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشى شىنجاڭنىڭ پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. پاختا يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىي 7400دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئىشقا سالغان، بۇ، 2021 - يىلىدىكىدىن 1000غا يېقىن كۆپەيدى. بۇ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك كۈچلۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭيۈەن قەرەللىك مال تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: كېۋەز قۇرغاقچىلىققا بىرقەدەر چىداملىق زىرائەت، بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلاردا چوڭ تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېتىز پەرۋىشى جايىدا، كېۋەزنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولسىلا، بىرلىك ھوسۇلى ئېشىپ، مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.

بۇ يىل شىنجاڭدا كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى، پۈتۈن يىللىق كېۋەز تېرىش كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئاشقان بولۇپ، ھوسۇلدا 1993 - يىلىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنىڭ يارىتىلىشى مۆلچەرلەندى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پاختا يىغىۋېلىش مەزگىلىدىكى پەرۋىش ۋە ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىشنى قانات يايدۇرماقتا. ۋاڭ ۋېينىڭ ئىگىلىشىچە، يۇقۇم چىگىتلىك پاختىنى يىغىۋېلىش، پىششىقلاش، ئامبارغا كىرگۈزۈش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بويىچە تەكشۈرۈش، توشۇش قاتارلىق ھالقىلارغا بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بىرمەھەل شىنجاڭدىن باشقا رايونلاردا پاختا بايلىقى بىرقەدەر قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نەق مال باھاسى ئۆرلىگەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى بەزى پاختىكارلار پاختا سېتىشتا قاراپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا، شاڭخەي گاڭليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ پاختا تەھلىلچىسى لۇ چۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پاختا نەق مېلىنى سېتىشتا يەنىلا پايدا بولسىمۇ، لېكىن سودىگەرلەر، پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى قاتارلىق سېتىۋالغۇچىلار يەنىلا قاراپ بېقىش ھالىتىدە تۇرۇپ، پاختا باھاسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشىنى ساقلىماقتا. چىگىتلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى بازارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشىلىدۇ، قىسمەن كارخانىلار سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئامبارغا كىرگۈزۈشتە يەنىلا يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن رىتىمى ئاستا بولۇۋاتىدۇ. «ھازىر تېز پىششىقلاش، تېز سېتىش ئارقىلىق بازار باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى لۇ چۇڭ.

شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق بىلدۈردى: پاختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش پەسىل خاراكتېرلىك بولىدۇ، چوقۇم ئاساسىي سېتىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى ۋە سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ 12 يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى 85 كادىرنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چۆكۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. پاختا يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىش ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، كۆپلىگەن تارماقلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، مەسىلەن، پاختا سېتىۋېلىش جەھەتتە، خىزمەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ ھەم يۇقىرى - تۆۋەن ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پاختا سېتىۋېلىش ئەھۋالىغا قارىتا كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پاختا سېتىۋېلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېز ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، شىنجاڭ پاختا كەسپىدىكى رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.» ۋاڭ ۋېي مۇنداق قارىدى: بىر تەرەپتىن، ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىك ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كېۋەز تېرىش ۋە يىغىۋېلىشنىڭ كۆلەملىشىش ۋە ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باھا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرىكتۈرۈپ ئىخچاملاش، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ توشۇش تەننەرخىنى ئازايتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپى ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بېقىلىۋاتقان كالا، قوي، چوشقا مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم چارۋىچىلىق چوڭ رايونى، قوينى مىسالغا ئالساق، قوينىڭ بېقىلىش مىقدارى، سېتىلىش مىقدارى ۋە قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. 2021 - يىلى مەملىكەت بويىچە سېتىلغان قوي 330 مىليون 450 مىڭ، قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 140 مىڭ توننا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا سېتىلغان قوي 35 مىليون 475 مىڭ 700، قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 604 مىڭ 400 توننا بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭدا بېقىلىۋاتقان كالا، قوي، چوشقا 61 مىليون 163 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشتى، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، بېقىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ خۇيگو مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا قوي - كالا باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ، بېقىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىقى ئىككى سەۋەب بار − دېھقانچىلىق رايونلىرىدىن قارىغاندا، 2018 -، 2019 - يىلىدىكى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا نۇرغۇن كۆلەملەشكەن قوي - كالا باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلدى، بۇلار ئىككى - ئۈچ يىل يېتىشتۈرۈلۈش ئارقىلىق، بۇ يىل گىرەلەشمە ئېففېكتىنى كۆرۈنەرلىك قويۇپ بېرىپ، بېقىلىۋاتقان قوي - كالا مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن قارىغاندا، تەبىئىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كۈزدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، ئەنئەنىۋى يايلىتىش ئۇسۇلىدا بېقىلىۋاتقان قوي - كالىلارنىڭ ھەممىسى تاغدىن چۈشۈرۈلۈپ، بېقىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل قوي - كالا باقمىچىلىقىدا ئوت - چۆپ، يەم - خەشەك باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن توشۇش بېسىمى باقمىچىلىق تەننەرخىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىپ، قوي - كالا باقمىچىلىقى بەلگىلىك بېسىمغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ياڭ خۇيگو مۇنداق قارىدى: ئەلا نەسىلنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە يەم - خەشەك تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يەرلىك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى بىرلەشمە نەسلىنى يېتىشتۈرۈش، سۈتچىلىك قاتارلىق توققۇز كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، كەسىپ زەنجىرى چېچىلاڭغۇ بولۇش، تېخنىكا كېڭەيتىش ئاستا بولۇش، كەسىپ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ئۆزگەرتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.