تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چوڭ قەدەم بىلەن ئاتلاندى

​− پۈتۈن مەملىكەت بازىرى نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى تاشقى سودا تەرەققىياتىغا نەزەر

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

«21 - ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرى جياۋ يىفېي

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەيدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى يۇقۇمغا قارشى يۆنىلىش بويىچە ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 172 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، 2021 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %55.6 ئاشقان، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 45.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن 2021 - يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق 156 مىليارد 910 مىليون يۈەنلىك تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ، 2013 - يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتىنى ياراتقان.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى تاشقى سودا تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، بۇ، ئاساسلىقى 8 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، تاشقى سودا ساھەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تۆت جەھەتتە 23 تۈرلۈك تەدبىر ھەمدە كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ پايدىسى ياخشى قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ تاشقى سودىسى ياخشىلىنىش ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىگەن، سودا بازىرى كۆپ مەنبەلىشىش، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئەلالىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلگەن.

«يول ئىقتىسادى»دىن «پورت ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»غا ئۆتۈش

بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان 23 تۈرلۈك تەدبىر قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىۋېتىش، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، تېز كىرگۈزۈش، تېز چىقىرىش»نى نىشان قىلىپ، پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە تۆت ئايلىق مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 پورتتا يۈك تىرانسپورتى بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەسلىگە كەلدى.

9 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. شۇ ئايدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 26 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %99.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 23 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %108.9 ئاشتى؛ ئىمپورت قىممىتى 3 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.5 ئاشتى.

«نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولماقتا، بولۇپمۇ تاشقى سودا جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ھەمدە <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلانماقتا». سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا بازار تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي مىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىش ماس قەدەمدە بولۇشى كېرەك، شىنجاڭمۇ كەلگۈسىدە شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىدىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىگە ئىگە سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «باجدىن خالىي بولۇش، باج كەچۈرۈم قىلىش، باج قايتۇرۇش» فۇنكسىيەسىگە ئىگە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قەشقەر، ئالاتاۋ، قورغاس، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون شەكىللەندى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئومۇمىي ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 51 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %435.1 ئېشىپ، شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.1ىنى ئىگىلىگەن.

«شىنجاڭ غەربكە ئېچىۋېتىش، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇشتەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دىققەتنى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.» يىپەك يولى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنجياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۇقۇم ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىق مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» يەنىلا بىرقەدەر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، شۇنداقلا بۇ يەنە يەرشارىۋىلىشىش ۋەزىيىتىدە، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى كۆرۈپ، ھەمكارلىق ئىشەنچى ۋە ئارزۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش

جۇڭگونىڭ غەربكە يۈزلىنىش يولىنى تۇتاشتۇرۇپ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش مۇھىم ئاساس، دۆلىتىمىزدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۆت چوڭ ئاساسلىق پورتى ئىچىدە ئىككى پورت شىنجاڭدا بولۇپ، «سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىش، غەربتىن چىقىرىش» ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئىككى پورت (ئالاتاۋ، قورغاس) ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بۇ يىل يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇرۇقلۇق دېڭىز يېڭى يولى خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورتىدىكى نۆۋەتچى پويىز، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان «تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» نۆۋەتچى پويىزىنى ئىجادىي ماڭدۇرۇپ، كۆپ شەكىلدىكى بىرلىشىپ توشۇش يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ گوۋۇيۈەن ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى مەركىزىي تۈگۈن، ئالاتاۋ، قورغاس، قەشقەر شەھىرىنى ئۈچ تىرەك نۇقتا قىلغان «بىر مەركىزىي تۈگۈن، ئۈچ تىرەك نۇقتا»دىن ئىبارەت جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى ئىككى پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، بۇ مەملىكەت بويىچە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلار سانىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 4617 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشتى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 5246 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشتى.

بەي مىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگونىڭ تاشقى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدىكى يېڭى يولغا ئايلانماقتا. تەننەرخ ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، نۆۋەتچى پويىزنىڭ كېتىدىغان خىراجەت ھاۋا تىرانسپورتىنىڭكىدىن تۆۋەن، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇراھال سەۋىيەدە بولۇپ، تەننەرخ ۋە تىرانسپورت ئۈنۈمى جەھەتتە كۆپ قىسىم تاۋارلارنى توشۇشقا ماس كېلىدۇ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىمۇ رەسمىي قاتناشقا باشلىغان بولۇپ، تىرانسپورت - ۋاقىت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇم مەزگىلىدە ھاۋا تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، راۋان، بىخەتەر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولىنى بەرپا قىلدى، كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە «ئىشىك ئالدىغىچە» توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى مەركىزىي تۈگۈن قىلغان، ئالاتاۋ، قورغاس، قەشقەر شەھىرىنى ئۈچ تىرەك نۇقتا قىلغان، «بىر مەركىزىي تۈگۈن، ئۈچ تىرەك نۇقتا»دىن ئىبارەت جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى قوغداش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئۆز جايىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

«بۇ يىل بىز ۋاكالەتچىلىك قىلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى تەخمىنەن %20 ئاشتى» دېدى قورغاستىكى مەلۇم خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى يەن خوۋخۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شۇ جاي ھەم ئەتراپتىكى كارخانىلارنىڭ «چىقىرىش، كىرگۈزۈش»ىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، جۇڭگودىن ياۋروپاغىچە بولغان بىۋاسىتە توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈك تىرانسپورتىنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

يول راۋان بولسا، سودا راۋان بولىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 132 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.8 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %76.7ىنى ئىگىلىگەن؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 156 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.2 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90.8ىنى ئىگىلىگەن؛ RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)دىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 8 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشقان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئالاتاۋ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى بولۇپ تەستىقلانغانلىقىدەك يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، چېگرا سودىسى، يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلانى بىلەن گىرەلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت ئېففېكتىنى ئاشۇردى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، ئالاتاۋ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.9 ھەسسە، 5.3 ھەسسە ئاشتى.

«شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىدا نىشانلىغان ئەنئەنىۋى بازارلىرى ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيادا. RCEP كۈچكە ئىگە بولغان يېرىم يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرى تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.» ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا بېجى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو يۇڭگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۈرلۈك تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پايدىسىدا، شوخلا قىيامى، قۇرۇق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يەم - خەشەك خۇرۇچى ۋە يېمەكلىك خۇرۇچى ھەمدە بالون، پولات - تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى، RCEPنىڭ پايدىسىغا تايىنىپ چەت ئەلدىكى بازارلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى. تاموژنا سىياسەت پايدىسىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

بەي مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن غەربىي جەنۇبتىكى رايونلار، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم RCEP رايونلىرى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي يول تورىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا، شىنجاڭ يەنە ئۆزگىچە كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.