تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى، نېفىت، تەبىئىي گاز يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارى تېز ئاشتى

​− پۈتۈن مەملىكەت بازىرى نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا نەزەر

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ گۇرۇپپىلاش مەيدانىدا، كۆمۈر ۋە باشقا يۈكلەر لىق بېسىلغان پويىزلار يولغا چىقىشقا تەق بولۇپ تۇراتتى. 10 - ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 5 مىليون 722 مىڭ 900 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئېشىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى. □ دى پېڭ فوتوسى

«مۇھەررىر ئىلاۋىسى»

مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىۋاتقان، تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بىلەن «21 - ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر . سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك توغرىسىدا ئانالىز» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر ئېلان قىلىپ، مەۋقەنى كەسپىي مالىيە - ئىقتىساد تاراتقۇلىرىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، تەسىر كۈچى بار مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە تەھلىلچىلەرنى چوڭقۇر زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ئىچىدە ئانالىز قىلىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«21 - ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇخبىرى پېڭ چياڭ

دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭدا ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىش، شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارىدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 290 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.1 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارىمۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب قاتارلىق جايلارنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارىدىمۇ بىردەك يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ساقلاندى.

كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %30تىن ئاشتى

2021 - يىلىدىن بۇيان، يەرشارىۋى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بازىرىدا كەڭ كۆلەمدە داۋالغۇش كۆرۈلدى، كۆمۈر قاتارلىق ئاساسلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ باھاسى سىجىل ئۆرلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىغا زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىدە «كۆمۈر مول، نېفىت كەمچىل، تەبىئىي گاز ئاز» بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆمۈر يەنىلا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ئالتىسى بار بولۇپ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ 1 مىليارد توننىدىن ئاشقان، شەنشىنىڭ 700 مىليون توننا بولغان، شىنجاڭنىڭ 320 مىليون توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدا بۇلتۇرقىدىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى، ئالدىنقى توققۇز ئايدا، دۆلەت ئىچىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 3 مىليارد 316 مىليون توننا بولۇپ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، شىنجاڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدىنقى تۆت ئورۇندا تۇرۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى. مەسىلەن، سانلىق مەلۇمات دائىرىسىنى كېڭەيتكەندە، كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى رەت تەرتىپىدە 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان جۇڭليەن رۇنشى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتى − تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئاشقان ۋەكىللىك كارخانىلارنىڭ بىرى. شىركەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇڭ جىيۈەن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىركەت ئۇدا ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يىلىغا 12 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2019 - يىلىدىن بۇيان تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈچ قېتىم ئاشۇردى، پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 96 مىليون 900 مىڭ توننىغا كۆپەيتىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىركەت 56 مىليون 263 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.8 ئاشۇرۇپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيەنى ياراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى، مەسىلەن، ماناس تيەنشىن قاتارلىق ئۈچ كۆمۈر كاننىڭ بىرلىشىپ سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى، قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ 2 - قارارلىق يىلىغا 6 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۆلەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقىي جاۋابقا ئېرىشتى، شەرقىي جۇڭغار چوڭ قۇدۇقى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى قاتارلىق 12 كۆمۈر كان دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىخەتەر ئاشۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان كۆمۈر كانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، قاتارلىقلار.

شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور جاڭ كۇي مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دۆلەت يۈكلىگەن يىلىغا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن 160 مىليون توننا كۆپەيتىشتىن ئىبارەت كۆمۈر كان تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىدۇ. بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارلىرى تولۇق قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت كۆمۈر بازىرىدىكى ئورنى يەنىمۇ ئۆسىدۇ.

شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى

دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۆمۈر باھاسى سىجىل تۇراقسىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ تاياندى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 58 مىليون 331 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.08 ھەسسە ئېشىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە پائال رول ئوينىغان. لېكىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېھتىياجىدىن قارىغاندا، بۇ يىل قىشتا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش يەنىلا بىرقەدەر زور بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن.

«شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.» شاڭخەي گاڭليەن كۆمۈر كوكسلاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ كۆمۈر تەھلىلچىسى سۈن يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ ھازىر ئاساسلىقى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب رايونلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ، خۇادۇڭ، خۇانەن رايونلىرىغا بولغان تەسىرى بىرقەدەر كىچىك. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان تۇنجى يىل، شىنجاڭ ئىچىدىكى ۋوگزاللارنىڭ ھەممىسى ئۇزاق مۇددەتلىك كېلىشىم بويىچە توشۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقاچقا، پويىزنىڭ توشۇش كۈچىدە بىرقەدەر ئاجىزلىق كۆرۈلدى، پويىز تەستىقلاش پىلانى ئالدى بىلەن كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا مايىللىشىپ، ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق توشۇلۇش ھالىتىدە تۇردى، خۇادۇڭ، خۇانەننى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىرقەدەر قىيىن بولدى.

شىندا ئاكسىيە تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: شىنجاڭ رايونىدىكى كۆمۈر ئىستېمالى تۆۋەن كۆمۈر باھاسىدىن نەپكە ئېرىشكەن، ئىستېمال مىقدارى ئۇدا كۆپ يىل تېز ئاشقان، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوخشاشلا بوشىشىپ قالمىغان؛ دۆلەت ئىچىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ جايلىشىشى داۋاملىق غەربكە يۆتكەلگەن، شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە داۋاملاشما كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رايونغا ئايلانغان. مۆلچەرلىنىشىچە، شىنجاڭدا ھەر يىلى تەخمىنەن 19 مىليون توننا ئەتراپىدىكى كۆمۈر يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلىدىكەن، بۇ، ئىچكىرى رايونلارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلىدىغان كۆمۈر مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، لېكىن رايون ئىچى ئېھتىياجىنىڭ ئوخشاشلا يۇقىرى بولۇشى ۋە ۋاگونلارنىڭ توشۇش كۈچى جىددىي بولۇش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، كۆمۈرنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

كەسپىي زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە: شەرقىي قىسىمدىكى كۆمۈر بايلىقىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشى، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ نىسبەتەن تويۇنۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا توشۇش ئارىلىقى ۋە تەننەرخ بېسىمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا، دۆلەت ئىچىدىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىشى يەنىلا قىيىن ئىكەن.

شيامېن داشۆ جۇڭگو ئېنېرگىيە سىياسىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لىن بوچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل دۆلەت ئىچىدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە سىجىل كۈچ چىقىرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانائەت جەھەتتىكى ئېھتىياج نىسبەتەن ئازايدى، كۆمۈر بىلەن توك باھاسى ئارىلىقىمۇ نىسبەتەن راۋان بولدى، شۇڭا بۇ يىل قىشتا كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشى مۆلچەرلەندى، بەزى رايونلاردا ناچار ھاۋارايى، قاتناش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ سەل جىددىي بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېلان قىلغان «2022 - يىللىق 3 - پەسىلدىكى مەملىكەت بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، مۆلچەرلەش دوكلاتى»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 4 - پەسىلدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى داۋاملىق تەكشى، مۇقىم ئېشىش ھالىتىدە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودا توختامى چېگراسى، يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، ئۆلكە ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، قىشتىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن جىددىي تەڭپۇڭ بولىدىغانلىقى، قىسمەن رايونلاردا توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توك ئېھتىياجىنىڭ سەل جىددىي بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

نېفىت - تەبىئىي گاز، يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

«تۇراقلاشتۇرغۇچ»ھېسابلىنىدىغان كۆمۈردىن باشقا، شىنجاڭ ئوخشاشلا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گاز مەنبە رايونى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 24 مىليون 287 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى 7.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليارد 229 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى؛ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن گاز مىقدارى 49 مىليارد 365 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى.

1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، تارىم نېفىتلىكى جەمئىي 26 مىليارد 570 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، باسقۇچلۇق پىلاننى %100.1 ئورۇنداپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 310 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇردى. بولۇپمۇ 10 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل قىشلىق، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش پىلانىنى يولغا قويدى. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، بۇ يىل تارىم نېفىتلىكىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز جەمئىي 25 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىغا 20 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىغا 4 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى.

تارىم نېفىتلىكى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، نېفىتلىك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنىمۇ سىجىل ئالغا سىلجىتقان. بۇ يىل، تارىم نېفىتلىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 200 مىڭ كىلوۋاتلىق كاپالەت خاراكتېرلىك تورلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 1 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يۈرۈشلەشكەن ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاشنى بازارلاشتۇرۇش يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن.

شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جيەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، گۇرۇھىمىزنىڭ 17 يېڭى ئېنېرگىيە مەيدان - ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

شىنجاڭدىكى بىردىنبىر پاكىز ئېنېرگىيەنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، پايدىلىنىش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش كەسپى قاتارلىقلارنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز گۇرۇھ شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 53 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 1 مىليون 90 مىڭ كىلوۋات بولدى؛ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ 5 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.