تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارىمىزنى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇلالاندۇرىمىز

​− پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار سىنلىق شەكىل ئارقىلىق شۆبە يىغىن مەيدانىدا لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

«چۈشەنچىمىز تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پىكىر يولىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يۆنىلىشىمىز تېخىمۇ روشەنلەشتى.» لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان جۇشقۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاتتى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى ياشلىرىدىن بولۇپ، ياشلىق باھارىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش قىزغىن ئەمەلىيىتىدە جۇلالاندۇرىمىز.

ئۇلۇغ ئۆزگىرىش قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى

«لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكەنكى بەش يىللىق خىزمەتلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلىرى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ، چەكسىز روھلاندۇرىدۇ.» شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئەشيا ئوبوروتى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەرىپەم ئابلىكىم مۇنداق دېدى: پەيزاۋاتلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىشقا ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. «ھازىر يېزىلاردا تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى زور، بولۇپمۇ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، يېزىلاردىن چىققان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى شەرىپەم.

«زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشىماقتا، ئۇلار تالانتىنى نامايان قىلىدىغان بىپايان سەھنىگە، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى جۇڭگو تىل - ئەدەبىياتى ۋە سەنئەت شۆيۈەنى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىياتى قوش تىل تەرجىمە كەسپى(ئۇيغۇر تىلى يۆنىلىشى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى يې تيەنشىن مۇنداق بىلدۈردى: لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم، شۇنداقلا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن پەخىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تىرىشىپ ئۆزۈم ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملەردىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن».

«دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق...» 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1 - كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاسقات ئازاتنى ئىنتايىن روھلاندۇردى، «مەن ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە قۇدرەت تاپقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بىز ياشلىق باھارىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىزنى مېدىتسىنا ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، بوران - چاپقۇنلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارىتىمىز، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۆز ياشلىق باھارىمىز، ئۆز كۈرەشلىرىمىز ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

غايىنى چىڭىتىپ، ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەيمىز

«مەن باشتىن - ئاخىر پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى دەرسلىك ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، پەن تەتقىقات خىزمىتى جەريانىدا ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شىنگو مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ، دېگەننى ئېنىق سۆزلەيمەن. «بىز ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ياراملىقلاردىن بولۇش يولىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى غايىلىك، ئومۇمىي ئەخلاقنى چۈشىنىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى قىلىپ تەربىيەلەيمىز» دېدى جاڭ شىنگو.

لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بايلىق ۋە مۇھىت شۆيۈەنى جۇغراپىيە ئۇچۇر پەن - تېخنىكىسى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىلنۇر مۇتەللىپ ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدى. «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە ھەممەيلەنگە ئايان بولغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.» ئىلنۇر مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەسپىي بىلىملەرنى تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ھەم ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى جەريانىغا تەتبىقلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىم ۋە تەرىمنى كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇلارغا بېغىشلايمەن.

«لېكسىيە دوكلاتى ئىخچام ۋە مېغىزلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول ئىكەن.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى ماركسىزم نەزەرىيەسى كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى جاڭ دېڭنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، نېگىزلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغان. «مەن غايە - ئېتىقادىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» دېدى جاڭ دېڭنىڭ.

بۇرچ زىممىمىزدە، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز

«لېكسىيە دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ئەنۋەر ئابدۇللا مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىمەن.

«لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى ئەتراپلىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاسىلاتىم مول بولدى، چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، روھلاندىم.» شىنجاڭ داشۆ ئىجتىمائىي پەنلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما يۈخۇەن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ داشۆنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

«لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن پارتىيەنىڭ ياش ئەۋلادلارغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم، شۇنداقلا غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشتىن باش تارتمايدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇشقا تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە باغلىدىم.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1 - كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنى سۆڭەك ئىلمى كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ئەنزەر يالقۇن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مېدىتسىنا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم، «مەن ئۆز كەسپىمدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار دۇڭ لياڭ، ليۇ يىمىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.