تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسى | جاڭ شياۋسۇڭ: قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز

 

   پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن، ھارارەتلىك، كەنت ئاھالىلىرى قوبۇل قىلالايدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى سىيۇەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاڭ شياۋسۇڭ لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى. جاڭ شياۋسۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نىشانى تېخىمۇ ئېنىق بولدى، ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.