تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

​− ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باشتىن - ئاخىر بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ئويلايمىز، بىرلىكتە ئىشلەيمىز.

يۆنىلىش ئايدىڭلاشتى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.» جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى سۇڭ ياجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تەشكىلاتلىرى ۋە گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.» جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشىنىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، دىققەتنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى سىستېمىلىق بايان قىلىندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. «يېڭى مۇساپىدە، بىز ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ كىرىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ مۇھاكىمە قىلىپ ھەم ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىمىز» دېدى ما خۇادۇڭ.

ئىشەنچ ئاشتى، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ تەرەققىيات كۆزلەندى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.» چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات، تاراتقۇ ساھەسىنىڭ ساھە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

«يېڭى مۇساپىدە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز.» جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ تېببىي دورا - سەھىيە، نوپۇس - بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى ئاساسىي گەۋدە ساھەسى بولۇشتەك خاسلىقى ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىلىرى ۋە تەكلىپ - تەۋسىيە تېمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، پائال تۈردە شىنجاڭنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلىشى ۋە قانات يايدۇرۇشىدىكى تۈپ قوللانما. «بىز كەڭ جەمئىيەت ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، <ئىككىنى تىكلەش>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى ساھە خاسلىقى ۋە پارتىيە - گۇرۇھلار ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز».

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەشنى بوشاشتۇرمايمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش ۋە يېتەكلەش» تەكىتلەندى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ ۋېيدۇڭنى ئىنتايىن روھلاندۇردى، ئۇ مۇنداق قارىدى: بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى زاتلارغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ئۇلارنى پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، <كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە> تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىمىز» دېدى لۇ ۋېيدۇڭ.

30 نەچچە يىللىق كەسپىي ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زات فاتىمە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»قا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ياخشى ئادۋوكات بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل غوپۇر، تويا)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.