تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا سەرپ قىلغان چىقىم 325 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولدى

​ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 438 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، %6 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار تۈرلۈك چىقىم 325 مىليارد 20 مىليون يۈەن بولدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپەيگەن چىقىم 18 مىليارد 650 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.1 ئېشىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %74.2ىنى ئىگىلىدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاشلىق، ياغ، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش چىقىمى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش چىقىمى، قاتناش - تىرانسپورت چىقىمى، مائارىپ چىقىمى، شەھەر - يېزا مەھەللە چىقىمى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا سەرپ قىلغان چىقىمى بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %94.2، %25.5، %24.6، %17.7 ۋە %9.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي تۈردە ھەقىقىي تولۇق كاپالەتلەندۈردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون تاماملىغان مائارىپ چىقىمى جەمئىي 76 مىليارد 580 مىليون يۈەن، تاماملىغان داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش چىقىمى جەمئىي 36 مىليارد 980 مىليون يۈەن، تاماملىغان ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى جەمئىي 58 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولدى.

يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت قوغداش، قاتناش - تىرانسپورت، شەھەر - يېزا مەھەللە ئىشلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدىمۇ ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئەتراپلىق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون تاماملىغان ئاشلىق، ياغ، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش چىقىمى جەمئىي 1 مىليارد 340 مىليون يۈەن، تاماملىغان ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت قوغداش چىقىمى جەمئىي 7 مىليارد 540 مىليون يۈەن، تاماملىغان قاتناش - تىرانسپورت چىقىمى جەمئىي 35 مىليارد 760 مىليون يۈەن، تاماملىغان شەھەر - يېزا مەھەللە چىقىمى جەمئىي 7 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ تېز ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە كىرىم تەشكىللەپ، «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ چىقىم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى ساقلاشنى ھەقىقىي تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مالىيە كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.