تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ 3 - كەسىپ قوشۇلما قىممىتى 590 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولدى

ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ 3 - كەسىپ قوشۇلما قىممىتى 590 مىليارد 613 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى قېزىپ، ياخشى ئىستېمال مۇھىتى ياراتتى. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، خاس سودا پىيادىلەر كوچىسى قۇرۇپ، شەھەر «15 مىنۇتلۇق» خەلققە قولاي تۇرمۇش چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۆپ مەيدان - قېتىم تەشكىللەپ، بازار تەمىناتى مىقدارىنىڭ تولۇق، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

8 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 3 - كەسىپنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، قاتناش - تىرانسپورت، ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى قاتارلىق نازارەت، ئىدارىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇھىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۆز جايى تەمىنلەشنى ئاساس، رايون سىرتىدىن يۆتكەشنى قوشۇمچە قىلىش شەكلى ئارقىلىق، مۇھىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئۆكسۈتۈپ قويماسلىققا، ئۈزۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى.

قاتناش ئەشيا ئوبوروتى بازار ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورتى، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان، 3 - كەسىپنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %31.4 بولۇپ، 3 - كەسىپنىڭ 0.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى توققۇز ئايدا، شىنجاڭنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 685 مىليون 227 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريول ئارقىلىق يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئاشقان، تاشيول ئارقىلىق يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان. مال ئوبوروت مىقدارى 201 مىليارد 318 مىليون توننا كىلومېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريول يۈك ئوبوروت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشقان.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىستېمالنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئىستېمالنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.