تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.6 ئاشتى

ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 172 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.6 ئاشقان، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 45.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق سۇپىلارنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت قىممىتى 144 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64.6 ئاشتى؛ ئىمپورت قىممىتى 28 مىليارد 260 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئاشتى. 9 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 26 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %99.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 23 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %108.9 ئاشتى؛ ئىمپورت قىممىتى 3 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.5 ئاشتى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى ئاساسلىقى 8 - ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا ساھەسىدە قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى 23 تۈرلۈك تەدبىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشى، ھەمدە كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىگەن، سودا بازىرى كۆپ مەنبەلىشىش، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئەلالىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلگەن.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تاشقى سودىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شىمالىي شىنجاڭ شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %73.7كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇ يىل تۇنجى قېتىم شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ تاشقى سودىسى سىجىل تەرەققىي قىلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى شىنجاڭ بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

سودا ھەمراھلىرىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت يەنىلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 132 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.8 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %76.7ىنى ئىگىلىدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 156 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.2 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90.8ىنى ئىگىلىدى؛ RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)دىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 8 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشتى.

سودا شەكلىدىن قارىغاندا، چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى، ئادەتتىكى سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش سودىسى قاتارلىق كۆپ خىل سودا شەكلى تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سۇپىسىنىڭ رولى گەۋدىلەندى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، قورغاس، قەشقەر، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەملىمە ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 51 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %435.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.1ىنى ئىگىلىدى.

پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى «موتور» ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 155 مىليارد 730 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.7 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90.4ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 55.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولى گەۋدىلىك بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تاشيول تىرانسپورت شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 106 مىليارد 40 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %158.4 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %61.5ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 24.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تىرانسپورت شەكلىگە ئايلاندى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، ئۆتۈك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىككىسىنى جەملىگەندە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %83.4ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.