تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە يېڭى «ياشلىق ناخشىسى»نى پۈتۈپ چىقىمەن

ۋەكىل لى ۋېنجۈەن:

يېڭى مۇساپىدە يېڭى «ياشلىق ناخشىسى»نى پۈتۈپ چىقىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

بۇ ئىككى كۈندە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى ۋېنجۈەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندىكى ئالاقىدار خاتىرە ۋە ماتېرىياللارنى رەتلەپ، نۇرغۇن مەزمۇنلارنى PPT قىلىپ ياساپ چىقتى، «مەن پارتىيەنىڭ ساداسىنى يۇرتداشلارغا ئەينەن سۆزلەپ، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىمدىن كۆپچىلىكنى بەھرىلەندۈرىمەن.» 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى لى ۋېنجۈەن مۇنداق دېدى: يېزىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پىكىر يولىنى ئېچىپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئورتاق بېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى ۋېنجۈەن ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى. پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 4500 مېتىرغىچە بولۇپ، «بۇلۇتلار ئارىسىدىكى يۇرت» دەپ ئاتالغان. بۇ يەردە «سۆڭەك تاشتىنمۇ قاتتىق، جاسارەت ئوكسىگېندىنمۇ كۆپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسى دېڭىز يۈزىدىنمۇ ئېگىز، ساپا پولاتتىنمۇ كۈچلۈك» بولۇشتەك پەزىلەت ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سىگە ئايلانغان.

بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لى ۋېنجۈەن مول ھوسۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە تۈزۈپ بەرگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىدا ھەم <ۋاقىت جەدۋىلى>، ھەم <يول خەرىتىسى> بار؛ ھەم <ۋەزىپىنامە>، ھەم <قۇرۇلۇش خەرىتىسى> بار، بۇ بىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى» دېدى لى ۋېنجۈەن.

كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، روھىي جەھەتتە مول ھوسۇل ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لى ۋېنجۈەن يەنە بىر چوڭ ھاسىلاتقا ئېرىشتى، ئۇ بولسىمۇ يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇشتىكى يېڭى ماھارەت سىرىنى «يەشتى». «يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، باشقا پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، كۆپچىلىك بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ پىكىر يولى دىلىمنى يورۇتتى، مەنمۇ يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرگىلى، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق يولىنى تاپتىم» دېدى لى ۋېنجۈەن.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن لى ۋېنجۈەن يۈكسەك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كۈرەش ئىزنالىرىنى قالدۇرماقتا.

2018 - يىلى 2 - ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپلا، لى ۋېنجۈەن ئۇدۇل كەنتلەرگە بېرىپ، بەش كەنتنى ئايلىنىپ، ئالتە قېتىم چېگرا لىنىيەسىنى كۆرۈپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقتى، تەرەققىيات پىكىر يولىمۇ تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى.

«يېزىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، بىز ئاممىنى يېتەكلەپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمىز كېرەك» دېدى لى ۋېنجۈەن. ئۇ ئىشنى ساياھەت بايلىقىنى جانلاندۇرۇشتىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن مەنزىرە رايونىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلدى. تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، لى ۋېنجۈەن يەنە «پارتىيە ياچېيكىسى + كارخانا، كەسىپ + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئامما» تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2021 - يىلى پۈتۈن يېزا بويىچە پەقەت ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىملا 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«ساياھەت تامىقى»نى تۇتۇپ تۇرۇشتا «ئېكولوگىيە كوزىرى»دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. لى ۋېنجۈەن يۇرتداشلارنى باشلاپ سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتتى. بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەتلىك 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تەدرىجىي كۆپىيىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنسېرى بېيىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كەڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى لى ۋېنجۈەننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى: كەڭ ياشلار قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ئارزۇغا ئىنتىلىش بىلەن پۇختا ۋە ئەمەلىي ئىشلەشنى، ئويلىغان ئىشنى دادىل قىلىش بىلەن باشلىغان ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشنى بىرلەشتۈرۈشى، يېڭى دەۋرنىڭ غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، چىدامچان، كۈرەشچان ياخشى ياشلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قاينام - تاشقىنلىق ئەمەلىيىتىدە يارقىن ياشلىق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.

«خاس ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىرىنچى قەدەم، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.» لى ۋېنجۈەن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى <ياشلىق ناخشىسى>نى پۈتۈپ چىقىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.