تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

ۋەكىل ۋاڭ گاڭ:

ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ گاڭ.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ گاڭ مۇنداق قارىدى: پەقەت ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگەنگەندىلا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلگىلى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلگىلى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

«بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئۆگىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ دائىرىدە لېكسىيە سۆزلەپ، جانلىق تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغايمىز.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش. ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: 10 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.2 ئاشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش» «ئىككىنى قوغداش»نى قەلبىمىزگە مەھكەم ئورنىتىپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

قانداق قىلغاندا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ ۋاڭ گاڭ مۇنداق قارىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

«مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خاسلىققا ئىگە، پەرقلىق بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى ۋاڭ گاڭ.

تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كىرىمدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە، مائارىپتىن داۋالىنىشقىچە، كۈتۈنۈشتىن ئىجتىمائىي كاپالەتكىچە... پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا دىققەت خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار، غەم قىلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق.» ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.